2026-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ دانىيەنىڭ گرېنلاندىيەگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدە سوئال قويۇپ: «ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن 500 يىل ئىلگىرى بىر كېمىنى ئۇ يەرگە توختاتقانلىقى، ئۇ يەرنىڭ ئۇلارغا تەۋە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ گرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش تەھدىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، ۋاشىنگتوننىڭ مەزكۇر شىمالىي قۇتۇب ئارىلىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئاسان يول ياكى قىيىن يول» ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ جۈمە (2026-يىلى 9-يانۋار) كۈنى ئاقسارايدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغاندا، دانىيەنىڭ گرېنلاندىيە ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلدى ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىشىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ: «ئۇلار خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، بىز گرېنلاندىيە مەسىلىسىدە بىر ئىش قىلىمىز. چۈنكى بىز قولغا چۈشۈرمىسەك، رۇسىيە ياكى خىتاي گرېنلاندىيەنى ئىگەللىۋالىدۇ — بىز رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ بىزگە قوشنا بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز. بىز رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ گرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشىغا يول قويمايمىز. ئەگەر بىز ھەرىكەت قىلمىساق، دەل مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ» دېدى.
ئۇ دانىيە ۋە گرېنلاندىيە دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما كۈچ ئىشلىتىشنىڭ يەنىلا بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتتى.
ئۇ: «مەن كېلىشىم تۈزۈشنى، يەنى ئاسان يولنى خالايمەن، ئەمما ئاسان يول بىلەن قىلالمىساق، قىيىن يول بىلەن ھەل قىلىمىز» دېدى.
بۇ ترامپنىڭ بۈگۈنگىچە ئامېرىكانىڭ دانىيەنىڭ گرېنلاندىيە ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا قىلغان ئەڭ كۈچلۈك ئوچۇق باياناتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
گرېنلاندىيە نۆۋەتتە دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ئىشلاردا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئاپتونومىيەسىگە ئىگە.
ترامپ گرېنلاندىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە كان بايلىقىنىڭ، بولۇپمۇ ئانتاراكتىكادىكى رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US weighs cash offer to lure Greenland away from Denmark
ياۋروپانىڭ چوڭقۇر ئەندىشەلىرى
دانىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقداشلىرى ترامپنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. گرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ناتوغا (NATO) ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەۋپسىزلىك تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
دانىيە باش ۋەزىرى مېتتې فرېدېرىكسېن (Mette Frederiksen) ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ گرېنلاندىيەگە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھەمكارلىقى ۋە نەچچە ئون يىللىق ئورتاق خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھەممە نەرسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.
ترامپ بولسا، دانىيەنىڭ ئەندىشەلىرىگە پىسەنت قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كوپېنھاگېنغا نىسبەتەن ھېچقانداق يامان غەرىزىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «مەن دانىيەنىڭمۇ مەستانىسى، سىلەرگە ئېيتسام، ئۇلار ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى» دېدى. ئەمما ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دانىيەنىڭ ئارالغا بولغان تارىختىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا سوئال قويدى.
تەۋسىيە













