غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
پەلەستىن فوندى جەمئىيەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئاپرېل ئېيىدا مەسجىدى ئەقساغا ئۇدا 30 قېتىم باسقۇن قىلغان.
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى / AA

پەلەستىن رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئونلىغان ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسا قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن.

ۋافانىڭ يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تالمۇد دىنىي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن.

مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئۈچىنچى ئەڭ مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ. يەھۇدىيلار بۇ رايوننى «ھەيكەل ئېگىزلىكى» دەپ ئاتايدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ قەدىمكى دەۋردە ئىككى يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى جايلاشقان جاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى 2003-يىلىدىن بۇيان، جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقسا قورۇسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىپ كەلمەكتە.

پەلەستىن فوندى جەمئىيەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاپرېل ئېيىدا ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسجىدى ئەقساغا ئۇدا 30 قېتىم باسقۇن قىلغان.

پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مەسجىدى ئەقسانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى يەھۇدىيلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەھەرنىڭ پەلەستىنلىك ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلىدىكى ئىشغالىيىتىنى ۋە 1980-يىلىدىكى قانۇنسىز ھالدا بېسىۋېلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان خەلقئارالىق قارارلارغا ئاساسەن، شەرقىي قۇددۇسنى كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ قارىماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ