زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى

زېلېنسكىي ئىستانبۇل زىيارىتى دائىرىسىدە مۇھىم سۆھبەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ۋە رايوندىكى مۇقىملىق بىلەن بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتتى.

By
زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى / AA

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

زېلېنسكىي كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداش، مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ۋە ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ زىيارەت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىر كۈن ئىلگىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى. پۇتىن كىيېۋنى رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سوزۇلغان ۋە ياۋروپانىمۇ گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇرۇبا يولىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىستانبۇلدىكى دولماباغچە سارىيى ئەتراپىدا قويۇق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. بۇ ساراي ئىلگىرىمۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى.

ئۇرۇش توختىتىش ئىزدىنىشى

زېلېنسكىينىڭ يەنە پراۋوسلاۋىيە دۇنياسىنىڭ مەنىۋى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان فەنەر رۇم پاترىكى بارتولومېئوس بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ زىيارەت ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە 12-ئاپرېل كۈنى تەبرىكلىنىدىغان پراۋوسلاۋىيە پاسخا بايرىمىدىن ئىلگىرىگە توغرا كەلدى.

كىيېۋ ھۆكۈمىتى پاسخا بايرىمى مەزگىلىدە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

رۇسىيە بولسا قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىيېۋدىن ئېنىق بىر تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۆت يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ئۇكرائىنا موسكۋانىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى بولسا مىليونلىغان كىشىنىڭ توك ۋە ئىسسىقلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى توسۇپ قويدى.