سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر راھىبە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ خىرىستىيانلارغا قاراتقان سىستېمىلىق ھۇجۇملىرىغا يەنە بىرى قوشۇلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر راھىبە ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر راھىبە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
پوپ لېيو XIV ۋاتىكاندىكى ئەۋلىيا پېترۇس مەيدانىدا ھەپتىلىك جامائەتنى قىلىش پائالىيىتىدە. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

لىۋاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىشغال ئاستىدىكى دەير سېرىيان (Deyr Seryan) يېزىسىدا، 19-ئاپرېل (2026) كۈنى بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سىمۋولى بولغان ھەيكەلنى چېقىۋەتكەنلىكىنىڭ تالاش-تارتىشى تېخى بېسىلماي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيە خىرىستىيانلارغا قاراتقان يېڭى ئۆچمەنلىك جىنايىتى بىلەن يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى.

«ئىسرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» (The Times of Israel) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 36 ياشلىق بىر ئەر ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر راھىبەگە ھۇجۇم قىلغان.

قۇددۇس فىرانسىيە ئىنجىل ۋە ئارخېئولوگىيە مەكتىپىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان راھىبە، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بېشىدىن يارىلاندى.

مەكتەپ مۇدىرى ئولىۋىئېر پوكۈيلون (Olivier Poquillon)  ئېكس (X) ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى ۋە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىدىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسىرائىلىيە ساقچى تەرەپ ھۇجۇمچىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، راھىبەگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىل

بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى،  گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «بۇ پەسكەش ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ بىرگە ياشاش ۋە دىنىي ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرىغا زىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 باياناتتا يەنە، يەرگە يىقىتىلىپ جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان راھىبە ۋە قۇددۇستىكى لاتىن پاترىكخانىسىغا ھېسداشلىق «ھەمكارلىق» تۇيغۇسى ئىپادىلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى جايلاردا خىرىستىيان جامائىتىمۇ نىشانغا ئېلىنماقتا. ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان غەززە رايونى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق، شەرقىي قۇددۇس ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان خىرىستىيان جامائىتى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارنىڭ جىسمانىي ھۇجۇمى، مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش، ھاقارەتلەپ تۈكۈرۈش ۋە مۇقەددەس جايلارنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دەير سېيران يېزىسىدا 19-ئاپرېل كۈنى، بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سىمۋوللۇق ھەيكىلىنى بازغان بىلەن چېقىۋاتقان سۈرىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرەتنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ دىنىي سىمۋولغا قىلغان بۇ ھۇجۇمى خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى