ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا ئىسلام ئىقتىسادى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
تۈركىيە ئىسلام مالىيە-بانكىچىلىقى ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىنى تېزلىتىۋاتقان بىر پەيتتە، نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەر، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار ئىستانبۇلدا جەم بولدى.
دۇنيا ئىسلام ئىقتىسادى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
دۇنيا رەھبەرلىرى ئىسلام مالىيەسىنىڭ كېلەچىكى ۋە مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولغان ئىستانبۇل مالىيە مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش.

چارشەنبە كۈنى باشلانغان بۇ مۇھىم خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كېڭىيىش ئىستراتېگىيەلىرىنى بېكىتىش، مەبلەغ سېلىش ئېقىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مالىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە مەزكۇر ساھەنىڭ دۇنياۋى تەسىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ رولىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ  قوللىشى، «ئالباراكا باشلىقلار يىغىنى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى»نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەشكىللەنگەن مەزكۇر باشلىقلار يىغىنى ئىستانبۇل مالىيە مەركىزىدىكى خەلق بانكىسى (Halkbank) باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئىستانبۇل مالىيە مەركىزىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېزلەشمەكتە

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى سۆز قىلغان تۈركىيە بايلىق فوندىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) سالىم ئاردا ئەرمۇت ئىستانبۇلنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە تىرانسفورماتسىيەسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر مەركەز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، نۆۋەتتە تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىگە ۋە مۇھىم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئىستانبۇل مالىيە مەركىزىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى تەكىتلىدى.

ئەرمۇت مەبلەغ سېلىش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا كاپىتالنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت ئىشخانىسى» (Tek Durak Ofis) قاتارلىق يېڭى پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە ئىسلام مالىيە-بانكىچىلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىدە بارغانسېرى يادرولۇق رول ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يىغىن مەسئۇللىرى ئىسلام مالىيە-بانكىچىلىقىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈمچىلىك (جازانىچىلىك)نىڭ ئورنىغا، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىش، كارخانىچىلىق ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى نىشان قىلىدىغان تاللاش خاراكتېرلىك يېڭى بىر ئەندىزە يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە يېڭى پىلانلار

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەد بۇراك داغلىئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئىسلام مالىيە قوراللىرىنى دۇنيا بازارلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، ئەنگلىيە، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەگە يۈزلەنگەن پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

داغلىئوغلۇ سۆزىدە، «سۇكۇك» (جازانە ئېلىش ياكى تۆلەشنى چەكلەيدىغان ئىسلامىي گۇۋاھنامە) تارقىتىشنى كېڭەيتىش، ئىسلام مالىيە قوراللىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى سودىنى جانلاندۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، تۈركىيەدىكى خۇسۇسىي فوندلارنى قوللايدىغان يېڭى رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىدىن باشقا، تەرەققىيات بانكىلىرى بىلەن كاپىتال بازارلىرىنى ئۆزئارا باغلايدىغان رەقەملىك سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇش پىلانلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەر، بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈركىيەنى ئىسلام مالىيە-بانكىچىلىقىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى دۇنياۋى باشلامچى مەركەزگە ئايلاندۇرۇش نىشانىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ