ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيە كاۋكاز ۋە پۈتكۈل رايوندا مۇقىملىق ئۈچۈن دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىكول پاشىنيان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، داۋاملىشىۋاتقان ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان: تۈركىيە كاۋكاز ۋە پۈتكۈل رايوندا مۇقىملىق ئۈچۈن دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ
ئەردوغان - پاشىنىيان / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنىيان بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشىدە، تۈركىيەنىڭ پەقەت كاۋكاز رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپ-خەتەرلەرنى يوق قىلىش مەقسىتىدە باشقا رەھبەرلەر بىلەنمۇ داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى شارائىت ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. 

جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە، ئەردوغان بىلەن پاشىنىيان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر، ئەنقەرە - ئېرىۋان مۇناسىۋەتلىرى، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق  ۋە دىيالوگ ئورنىتىش باسقۇچى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. 

ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ «تەڭ پايدا ئېلىش» پىرىنسىپى ئاساسىدا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنغان تەشەببۇسلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. 

كۆرۈشۈشتە تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى دائىرىسىدە تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Iran-Israel conflict 'reaching point of no return', Erdogan warns

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ