تۈركىيە
3 min read
تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە نىشانى
ئېنېرگىيە دۇنياسى
تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە نىشانى
2024-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى

ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا كىرىزىسلار ۋە بايلىقلارنىڭ كۈنسېرى خورىشى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈزۈمىنى قايتىدىن تەڭشەشنى مەزمۇن قىلغان «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» ئىمزالاندى. مەزكۇر كېلىشىمگە تۈركىيەمۇ تەرەپ بولدى.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارقا قارىغاندا، 2022-يىلى كاربون گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى 36 مىليارد 800 مىليون توننىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. بۇلتۇرقى (2023) بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ 40 مىليارد توننىدىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ كاربون قويۇپ بەرگەن دۆلەت %30.7 لىك نىسبەت بىلەن خىتاي بولغان. %13.6 لىك نىسبەت بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. يەر شارىدىكى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ %7.6 نى ھىندىستان، %7.4 نى ياۋروپا ئىتتىپاقى، %4.4 نى رۇسىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تۈركىيەنىڭ ئۇنى باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر نىشانى بار. ئۇ بولسىمۇ، يېشىل تەرەققىيات ئىنقىلابى قوزغاپ، 2053-يىلىغا بارغاندا، «بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى نۆل» گە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت. تۈركىيە يېقىنقى 10 يىلدا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %67، دۆلەت نوپۇسىنى %13 ئاشۇردى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە گۈللىنىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىمۇ ئاشتى.

يېشىل تەرەققىيات نىشانىنى بويلاپ تاشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم قەدەم ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ... تۈركىيە 2017-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان تۇنجى مىللىي ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 8 مىليارد 500 مىليون دوللار يېشىل ئېنېرگىيە مەبلىغى سېلىندى. ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاخىرقى ئىستېمالغىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە، بىرلەمچى ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا %14 تېجەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 70 مىليون توننا بۇلغىمىنىڭ ئازايتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

«نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىش» نىشانىغا يېتىشكە بەل باغلىغان تۈركىيە، يېشىل تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاشۇردى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىمۇ 2030-يىلىغىچە بولغان جەرياندىكى ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر يول خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 2030-يىلغا بارغاندا، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %16 ئازايتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى 100 مىليون توننا تۆۋەنلىتىپ، بۇ ساھەدىكى سەپەرۋەرلىككە تۆھپە قوشۇشنى، بۇ دائىرىدە، ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ساھەسىگە 20 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىماقتا. ئەمما، شۇنىسى ئېنىقكى، ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مەبلەغ سېلىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس.

2030-يىلىغىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىنالاردا %30 ئېنېرگىيە تېجىلىدۇ. ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان سىستېما ۋە تېخنىكىلار ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سانائەتتىكى كېرەكسىز ئىسسىقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرلىرى بىر قاتلىنىدۇ. ئېلېكتىر موتورلىرى بىلەن ئىسسىقلىق پومپىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئاشۇرۇلىدۇ.

تۈر نىشانىغا ئاساسەن، ئومۇمىي يورۇتۇش ئۈچۈن 1 مىليون 200 مىڭ لېد ئەسلىھە ئورنىتىلىدۇ. زايە بولۇپ كېتىش ۋە قانۇنسىز ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائەتلىرىنىڭ نىسبىتى %25 كە چىقىرىلىدۇ.

تۈركىيەدە نۆۋەتتە تەخمىنەن 110 مىڭ مېگاۋات توك چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە 13 مىڭ 35 توك چىقىرىش ئىستانسىسى بار.

2023-يىلىنىڭ 11-ئېيىغىچە بولغان جەرياندا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ %29.8 ى سۇدىن، %23.9 ى تەبىئىي گازدىن، %20.5 ى كۆمۈردىن، %11 ى شامالدىن، %10.6 ى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن، %1.6 ى يەر ئىسسىقلىقى ۋە %2.6 ى باشقا بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

2035-يىلىغا بارغاندا، قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ 53 مىڭ، شامال ئېنېرگىيەسىنىڭ 30 مىڭ، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ 35 مىڭ، يەر ئىسسىقلىقى ۋە بىيولوگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ تەخمىنەن 5 مىڭ مېگاۋاتقا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سىياسىتى دائىرىسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە سېلىنىدىغان مەبلەغلەرگە ئەگىشىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش نىسبىتىنى %70 لىك ئۆلكەلدىن ئاشۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.

پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئارقىلىق كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %35 تۆۋەنلىتىش پىلانلانماقتا.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىلىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىنقى 30 يىلدا دۇنيادىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىغىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان.

ئۆتكەن يىلى دۇنيادا 510 گىگاۋات، باشقىچە ئېيتقاندا، 2022-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىغىمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئېشىشنىڭ %75 ىنى قۇياش ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلغان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە تور جاسۇسلۇقىغا زەربە بېرىشتە ئىككى گۇماندارنى قولغا ئالدى
ئەردوغان بىلەن دىبەيبە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە ئىستانبۇلدا ھاماس ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە: غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىشىنى لازىم، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يېتەرسىز...
تۈركىيە غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ
ئەردوغان: ئىسلام ھەمکارلىق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىروگراممىسى يولغا قويدى
گرېمىڭگېر:تۈركىيە قاتارلىق كۈچلەر تېخىمۇ ئادىل يەرشارى تەرتىپىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم قىلالايدۇ
پاكىستان-ئافغانىستان سۆھبىتى ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدۇ
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى
جەۋدەت يىلماز: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدۇ
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئاشكارا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى» دېدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە
ئەردوغان بىلەن ستارمېر «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى –تايفۇن» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
تۈركىيەنىڭ غەربىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى
تۈركىيە «ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان» غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى
ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ئىككى دۆلەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە بىلەن قاتار دۆلەت مۇداپىئەسى، سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتىدە بىخەتەرلىك ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ
ئەردوغان پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەرنى كۈچەيتىدۇ