ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچە ۋە سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئۇكرائىناغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلدى.
كىيېۋ-ئودېسسا تاشيولىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن نىشان قىلىنغانلىقى ۋە ئىككى ئاپتوموبىلغا ئوق تەگكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھۇجۇمدا 2 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ، خمېلنىتسكىي ۋە خاركىۋ رايونلىرىنىڭمۇ بۇ كېچە نىشان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھۇجۇملار نەتىجىسىدە 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 13 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىپادىلەندى.
ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكومۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇمدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان كلىچكو، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1 كىشىنىڭ قازا قىلىپ6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچە ۋاقىتلىرىدا ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئىشلەتكەن ئوخشىمىغان تىپتىكى 165 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن 115 ىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.




















