سوۋېت ئىتتىپاقىدا يولغا قويۇلغان پىلانلىق ئاچارچىلىق، مەجبۇرىي كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي تازىلاش سەۋەبىدىن 5 مىليوندىن ئارتۇق قازاق تۈركى ھاياتىدىن ئايرىلدى. قازاقىستاندا بۈگۈن؛ «سىياسىي زىيانكەشلىك، سۈرگۈن ۋە ئاچارچىلىق قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» دۇر.
سوۋېت ھۆكۈمىتى يەر مەيدانى جەھەتتىن ئىتتىپاق بويىچە ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولغان قازاقىستانغا ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولشېۋىك فىلىپ گولوشېكىننى مەسئۇل قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان گولوشېكىن، يەرلىك خەلقنى كونترول ئاستىغا ئېلىش مەقسىتىدە «كىچىك ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» سىياسىتىنى يولغا قويدى.
بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ قەدىمى بولسا «كوللېكتىپلاشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان ۋە كۆچمەن قازاق خەلقىنى مەجبۇرىي ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكۈزۈشنى نىشان قىلغان قارار بولدى.
نوپۇسنىڭ يېرىمى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى
بۇ پىلان دائىرىسىدە، بايلار ۋە ئوتتۇرا قاتلام دېھقانلارنىڭ بىردىنبىر تىرىكچىلىك مەنبەسى بولغان چارۋا ماللىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىندى.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كوللېكتىپلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى قازاقىستاندا 45 مىليون بولغان چارۋا مال سانى، يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر سەۋەبىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 4 مىليونغا چۈشۈپ قالغان.
چارۋا ماللارنىڭ يوقىتىلىشى، 1930-1933-يىللىرى ئارىسىدا تارىختا «كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق» دەپ خاتىرىلىنىدىغان پاجىئەنى بىللە ئېلىپ كەلدى. بۇ مەزگىلدە، تەخمىنەن 6 مىليون بولغان دۆلەت نوپۇسىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭى ئاچارچىلىقتىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھاكىمىيەتنىڭ بېسىملىرىغا قارشى 1929-1933-يىللىرى ئارىسىدا خەلق تەرىپىدىن 372 قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قوزغىلاڭلار سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەربىي كۈچ بىلەن قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلدى.
زىيالىيلارغا قارىتىلغان سىياسىي قىرغىنچىلىق: قىزىل تېررور
ئاچارچىلىق پاجىئەسىدىن باشقا، 1937-يىلىدىن باشلاپ قازاق جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىسى سۈپىتىدىكى زىيالىيلار، ستالىننىڭ «قىزىل تېررور» دەپ ئاتالغان جازالاش سىياسەتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.
1917-يىلقى ئىنقىلابتىن كېيىن ئالاش پارتىيەسى ۋە ئالاش ئوردا ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەشكىللەنگەن قازاق زىيالىيلىرى؛ «مىللەتچى»، «پانتۈركىست» ۋە «جاسۇس» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن «خەلق دۈشمىنى» ئېلان قىلىندى. بۇ زىيانكەشلىك مەزگىلىدە قازاقىستاندا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سۈرگۈن قىلىندى، 25 مىڭدىن ئارتۇق زىيالىي ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
پەقەت زىيالىيلارلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىمۇ جازالىنىپ، قىسقارتىلما نامى «ALJIR» بولغان ئاكمولا خەلق خائىنلىرىنىڭ ئاياللىرى لاگېرىغا ئەۋەتىلدى.
تۈركىيەنىڭ تارىخىي ياردىمى: 20-30 مىڭ بالا تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنسۇن
دۇنيا سۈكۈتكە چۆمۈپ كەتكەن بۇ مەزگىلدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئەھۋالنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئىسمائىل سۇفى بەگ تەييارلىغان دوكلاتىدا، پاجىئەدىن ئەڭ كۆپ باشقۇرت، تاتار، قازاق ۋە قىرغىز بالىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 20-30 مىڭ ئەتراپىدىكى بالىنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلدى.
مۇستەقىللىققا تۇتاشقان يول: جېلتوقسان (دېكابىر) ۋەقەلىرى
قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئىدى. قازاقىستاننىڭ دۆلەت رەھبىرى قازاق دىنمۇھەممەد قۇنايېۋ ئىدى. 1986-يىلى 16-دېكابىردا، بىر قارار بىلەن قۇنايېۋ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا رۇس گېنادىي كولبىن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
كولبىننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى قازاقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. قازاقلار 1986-يىلى 17-دېكابىر كۈنى ئالمۇتادىكى بىرىژنېۋ مەيدانىغا يىغىلدى. خەلق دېموكراتىك شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتاتتى.
«قازاقىستان قازاقلارغا تەئەلەللۇقتۇر»
خەلقنىڭ قولىدا؛ «قازاقىستان قازاقلارغا تەئەلەللۇقتۇر»، «كولبىن رۇسىيەگە قايت!» دېگەندەك لوزۇنكىلار بار ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىكى بۇ ۋەزىيەتنى قازاق مىللەتچىلىكى ۋە رۇس دۈشمەنلىكى دەپ چۈشەندى. ئىتتىپاق قازاقىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى مەيدانغا يىغدى.
قازاقىستاننىڭ ئەنە شۇ سوغۇق كۈنلىرىدە، كەچقۇرۇن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى خەلقنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى بېسىملىق سوغۇق سۇ چېچىشقا باشلىدى. كىشىلەر سۇدىن قاچالايدىغان چاغدا، ئەسكەرلەر بۇ قېتىم قوراللىرىنى قولىغا ئالدى.
«قاردەك ئاق مەيدان خەلقنىڭ قىپقىزىل قېنى بىلەن بويالدى»
نارازىلىق نامايىشلىرى 17-18-19-دېكابىر كۈنلىرى داۋاملاشتى ۋە جەمئىي 200 كىشى ئۆلتۈرۈلدى. قار بىلەن قاپلانغان بىرىژنېۋ مەيدانى قازاقلارنىڭ قىپقىزىل قېنى بىلەن بويالدى. قازاق خەلقى ئۇ كۈنلەرنى «جېلتوقسان (دېكابىر) ۋەقەلىرى» دېگەن نام بىلەن ياد ئېتىدۇ.
قازاقىستان 1991-يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆتمۈشتىكى يارىلارنى تېڭىش مەقسىتىدە «سىياسىي زىيانكەشلىك قۇربانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى» ماقۇللاندى. بۇ قانۇن دائىرىسىدە بۈگۈنگىچە 340 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي زىيانكەشلىك ۋە سۈرگۈن زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئاقلىنىپ، ئابرۇيى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
خەلقنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بۇ چوڭقۇر تىراگېدىيەنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە، 1997-يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ قارارى بىلەن 31-ماي كۈنى رەسمىي ھالدا «سىياسىي زىيانكەشلىك، سۈرگۈن ۋە ئاچارچىلىق قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» ئېلان قىلىندى.
«پاجىئە يەتتە قېرىنداشتۇر»
قازاقىستاننىڭ پۈتۈن تارىخى ئازاب ۋە كۆز يېشى بىلەن تولغان. مۇستەقىللىققا تۇتاشقان يولدا قازاقلار زىيانكەشلىك، سۈرگۈن، زۇلۇم، ئاچارچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە بولغان ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. پاجىئەلەرنى «يەتتە قېرىنداش» دەپ تەسۋىرلەيدىغان قازاق خەلقىنىڭ بۇ سۈپەتلىشىگە يەنە بىر يامان قېرىنداش قوشۇلدى. ياش-قېرى، ئايال-بالا ۋە زىيالىيلىرى بىلەن نۇرغۇن قازاق تۈركلىرى مۇستەقىللىققا تۇتاشقان يولدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ماغجان جۇمابايېۋنىڭ تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى (ئىستىقلال ھاربى) ئۈچۈن يازغان شېئىرى يەنىلا ناخشا ۋە قوشاقلاردا ياشىماقتا:
قېرىندىشىم! سەن ئۇ تەرەپتە، مەن بۇ تەرەپتە
قايغۇدىن قان يۇتماقتىمىز، بىزنىڭ نامىمىزغا
لايىقمۇ قۇل بولۇپ تۇرماق؟ كەل كېتەيلى
ئالتايغا - ئاتىدىن مىراس قالغان ئالتۇن تەختكە.

















