مىسىر «ئەنقەرە باياننامەسى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
مىسىر سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئەنقەرە باياننامەسى» نىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىنىشىنىڭ سومالىنىڭ مۇقىملىقى، بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
00:00
مىسىر «ئەنقەرە باياننامەسى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
مىسىر «ئەنقەرە باياننامەسى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى / TRT Uyghur

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلاتى بىلەن سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد مۇئەللىم فىقى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئۇچرىشىشىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سومالىنىڭ مۇقىملىقى، بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2024-يىلى 11-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان <ئەنقەرە باياننامەسى> نىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك.

سومالىنىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش مەقسىتىدە يېڭى ئافرىقا بىرلىكى ياردەم بېرىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش قىسمىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى مۇھىم.»

ئېرىترېيەنىڭ 1991-يىلى ئېفىيوپىيەدىن ئايرىلىشى ۋە 1993-يىلى قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىدىن كېيىن دېڭىزغا چىقىش يولىدىن مەھرۇم قالغان ئېفىيوپىيە، ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىزىل دېڭىزغا چىقىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ، سومالىلاند بىلەن 1-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بىر ھەمكارلىق مېموراندۇمىغا ئىمزا قويغانىدى.

مەزكۇر مېموراندۇم سومالىلاندنى ئېتىراپ قىلىش ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى سەۋەبلىك سومالى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ ھەمكارلىقنى رەت قىلىپ، قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.

ئېفىيوپىيە بىلەن سومالى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى