تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇمىنىستىر ئۇرالئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن «تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدىكى كۆپ شەكىللىك تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش»  پىلانى ھەققىدە توختالدى.
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

مىنىستىر ئۇرالئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن «تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدىكى كۆپ شەكىللىك تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش» پىلانىنىڭ مەقسىتىنىڭ، تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» نىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدىكى كۆپ شەكىللىك تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش» پىلانىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرگە، تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ۋە ئۇلىنىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدىكى كۆپ شەكىللىك تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش پىلانىنىڭ يېپىلىش يىغىنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى مارتا كوسنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا كارىدورنىڭ تىرانسپورت سىغىمىنى ئاشۇرىدىغان ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ئورتاق نىشانلار بويىچە خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

 ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنغان مەزكۇر پىلان، تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدە كۆپ شەكىللىك يۈك تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تېخىمۇ بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان ھەمدە تەڭپۇڭ بولغان تىرانسپورت سىستېمىسىغا ئۆتۈشنى قوللاش مەقسىتىدە لايىھەلەندى.

بۇ پىلان ئارقىلىق يەنە، كۆپ شەكىللىك يۈك تىرانسپورتى ئۈچۈن ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش، ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە ئېھتىياجلىرىنى بېكىتىش ۋە تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاتناش دائىرىلىرىنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنماقتا.

ئوتتۇرا كارىدور (ترانس - ھازار خەلقئارا تىرانسپورت يولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۈركىيە، كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئالدىن تاللىنىدىغان سودا يولى سۈپىتىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.

مىنىستىر ئۇرالئوغلۇ پىروگراممىغا قاتناشقانلىقى ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن كوسقا رەھمەت ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى