غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززە ياردەم مەركىزىنىڭ يېنىدا كۈتۈپ تۇرغان ئوندىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەززەدىكى بىر يېمەكلىك ياردەم مەركىزىنىڭ يېنىدا كۈتۈپ تۇرغان پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقاردى. ۋەقەدە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلىغان كىشى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە غەززە ياردەم مەركىزىنىڭ يېنىدا كۈتۈپ تۇرغان ئوندىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە غەززە ياردەم مەركىزىنىڭ يېنىدا كۈتۈپ تۇرغان ئوندىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسىنى ئۆلتۈردى / AA

سەھىيە ئورگانلىرى ۋە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەززەنىڭ مەركىزىدىكى بىر تارقىتىش مەركىزىنىڭ يېنىدا يېمەكلىك ياردىمى كۈتۈۋاتقان پۇقرالارغا ئوق چىقارغان. ۋەقەدە كەم دېگەندە 15 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئونلىغان كىشى يارىلانغان.

سەھىيە مەنبەلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا سۆز بەرگەن باياناتىدا، «نېتزارىم كارىدورى» ئەتراپىغا يىغىلغان ئاممىغا قارىتا ئوق چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار ئىسرائىلىيەگە تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپاراتلىرىنىڭ ياردەم كۈتۈۋاتقان ئاممىغا قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقە غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە قەستەن قىلىنغان ئەجەللىك ھۇجۇملارغا يەنە بىرنى قوشتقان بولدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 90 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 605 پەلەستىنلىك يارىدارنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

22023 -يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 55 مىڭ 297 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 128 مىڭ 426 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنى كېلىشىمى بۇزۇلغان 2025-يىلى 18-مارتتىن بۇيان بولسا، 5014 كى پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلۈپ، 16 مىڭ 385 كىشى يارىلاندى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى