ئومان ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋاسىتىلىق سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلدى

ئامېرىكا-ئىران ۋاستىلىق سۆھبىتى ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتلىرى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئېلىپ ئۆتكۈزۈلمەكتە.

By
ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر ئومان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بەدر ئەلبۇسەيد بىلەن كۆرۈشتى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئومان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، مەسقاتتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋاسىتىلىق سۆھبەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىككىنچى قېتىم ئىران ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىران دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئىرنا (IRNA) جۈمە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتە، ئومان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بەدر ئەلبۇسەيدىگە ئۆز دۆلىتىنىڭ قاراشلىرىنى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىرنا ئاگېنتلىقى ئاراقچىنىڭ ئەلبۇسەيدى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرىنچى قېتىملىق سۆھبەتتە، ئىراننىڭ تەكلىپ-لايىھەسىنى ئومان تەرەپكە سۇنغانلىقىنى، ئومان تەرەپنىڭ بولسا بۇنى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) قا يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا: «ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتە، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جاۋابى ئىران تەرەپكە يەتكۈزۈلىدۇ» دېيىلدى، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭمۇ بىرىنچى قېتىلىق سۆھبەتتە ئۆز قاراشلىرىنى ئومانلىق ۋاسىتىچىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئۆز پايتەختلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن سۆھبەتتە قىسقا مۇددەتلىك ئۈزۈلۈش بولغان.

جۈمە (2026-يىلى 6-فېۋرال) كۈنىدىكى سۆھبەتتە، ئىرانغا ئاراقچى باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان. ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاراقچىغا سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مەجىد تەختى-راۋانچى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل باغايى، ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ھامىد غانبارى ۋە باشقا ئىرانلىق دىپلوماتلار ھەمراھ بولغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەتكە، ئامېرىكاغا ۋاكالىتەن ستېۋ ۋىتكوف بىلەن ترامپنىڭ كۈيئوغلى ھەم ياردەمچىسى جارېد كۇشنېر (Jared Kushner) قاتناشماقتىكەن.

يېقىنقى كۈنلەردە، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىق قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى. بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى ھەمدە ئۆتكەن يىلى (2025) دېكابىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىراننى قاپلىغان قانلىق نامايىشلاردىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قايتا-قايتا قىلغان ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.