فىدان: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىزتاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بولغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدە بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتروۋا-چاموۋا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
فىدان: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز

بولغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېلىسلاۋا پېتروۋا-چاموۋا بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىسىدىكى سۆھبەتلەر  توغرىلىقمۇ توختالدى. مىنىستىر  فىدان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھەممەيلەندە ئورتاق بىر قاراش بارلىقىنى يەتكۈزدى.

خاقان فىدان تەرەپلەر بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىككى كۈن ئىلگىرى باشلانغان ئۆزئارا ھۇجۇملارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «يەنى بۇ ھەقىقەتەن بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. تەرەپلەرنىڭ دەرھال ئۆزئارا زەربە بېرىشلىرىنى، ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشىنى ۋە ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان تېكىستنى تاماملىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىز ۋە تىرىشچانلىقلىرىمىزمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە» دېدى.

ئۇرۇشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ، جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ۋە قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش مۇھىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن خاقان فىدان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«نەقەدەر قىيىن بولسا بولسۇن، كىشىنىڭ ئارامىنى تۈگەتسىمۇ، سۆھبەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھەل قىلغۇچ نۇقتىغا يەتكۈزۈش نىشان بولۇشى كېرەك، بۇنى تاماملىشى لازىم. تەۋسىيەمىزمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە.»

ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى