تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ «دۆلەت تېررورلۇقى»نى ئەيىبلىگەن ئەردوغان، «پەلەستىننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى
ئەردوغان «بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا» قارشى «بارلىق قانۇنىي ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ» ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ «دۆلەت تېررورلۇقى»نى ئەيىبلىگەن ئەردوغان، «پەلەستىننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى
/ User Upload

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە، سۈرىيە، لىۋان، يەمەن ۋە ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن دوھادىكى سۆھبەت ئۆمىكىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى «قورقۇنچاقلارچە ھۇجۇم» دەپ ئاتاپ، بۇنىڭ «خەلقئارا سىستېما ۋە قانۇنغا قىلىنغان ئوپئوچۇق بىر دوئېل ئېلان قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سەيشەنبە كۈنى دوھادىكى ئەرەب-ئىسلام جىددىي يىغىنىدىن قايتىش يولىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ئەردوغان: «بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالچى ۋە تېررورچى روھىيىتىنىڭ قايسى نۇقتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ قاتار ۋە پەلەستىن خەلقى تەرىپىدە قەتئىي تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قازا قىلغانلارغا رەھىم-شەپقەت تىلىدى، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان جىددىي يىغىننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رەھبەرلەرنىڭ تېل ئاۋىۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئويلىشىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەردوغان يىغىننىڭ خۇلاسە خاراكتېرلىك باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ پەقەت پەلەستىننىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن «مۇمكىن بولغان بارلىق قانۇنىي ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر»نىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ «نيۇ-يورك خىتابنامىسى»نىڭ 142 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ ئەھۋالنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ ئاتىدى.

ئەردوغان: «بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بارغانسېرى يېتىم قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ مەيدانىنىڭ دۇنياۋى كۆپ سانلىقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى.

ئىناۋەتسىز سىنارىيەلەر

رايوندىكى جىددىيچىلىكلەر ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان «ۋەدە قىلىنغان زېمىنلار» دېگەن نام ئاستىدا چېگرالارنى قايتىدىن بېكىتىشكە ئالاقىدار «ئىناۋەتسىز سىنارىيەلەرنى» رەت قىلدى. جۇمھۇر رەئىس بۇ خىلدىكى قاراشلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز ۋە قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا ئىسرائىلىيەنىڭ «رادىكال ۋە فاشىست ئىدېئولوگىيەسى»نىڭ كۈنتەرتىپىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال ئىدېئولوگىيەنى مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلارغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان «فاشىست قاتىللىق گۇرۇھى»غا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسىنى ئىلىم-مەرىپەت، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى.

جۇمھۇر رەئىس: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى چىققان يەھۇدىيلارغا قۇلاق سالغىنىڭىزدا، زېئونىزمنىڭ قانداق خەتەرلىك بىر ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز. زىئونىست ئىسرائىلىيەنى چوقۇم بىرەر نەرسە بىلەن باغلايدىغان بولساق، ئۇ دەل تېررورىزم ۋە فاشىزمدۇر» دېدى. ئۇ يەنە ئەنقەرەنىڭ «پەلەستىن دەۋاسىنىڭ بايراقدارى» بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلاپ، تۈركىيەنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ پۈتكۈل رايوندا تىنچلىق، ئادالەت ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە - ش ق ت ج ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
ئەھمەد شەرا ئەردوغاننىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە 2 يىل ئۇزارتىلدى
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى