سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسىيەنى ئافرىقا بىلەن باراۋەرلىك ۋە شېرىكلىك ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى.
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون 2026-يىلى 12-ماي كېنىيەنىڭ نايروبى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق ئافرىقا ئالغا ئىلگىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / Reuters

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتارلىق رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئورنىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى فىرانسىيە ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان بىپەرۋالىقى ۋە تەكەببۇرلۇقىغا دۆڭگىدى.

ماكرون «Africa Forward» (ئافرىقا ئالغا) تىجارەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، فىرانسىيەنىڭ يېقىنقى 25 يىلدىن بېرى ئافرىقادا «تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، بۇ يۈزلىنىشنى «نورمال»، ھەتتا ئاكتىپ بىر ھالەت دەپ تەسۋىرلەدى.

فىرانسىيە شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تارىخىي رىشتىسىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىنى ئېيتقان ماكرون: «ئۇلار فىرانسىيەلىك بولۇشنىڭلا ھەر قانداق ئىشىكنى ئۆزلۈكىدىن ئاچىدىغان ئالاھىدە بىر ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ماكرون ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە شېرىكلەرگە يۈزلىنىپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تاللاشلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، قىتئە مىقياسىدا ئەنقەرە ۋە بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رولىنى تەكىتلىدى.

ماكرون ئافرىقانىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت ياردەمگىلا تايىنىدىغان ياكى تاشقى كۈچلەر ئافرىقا بازىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى مەجبۇرىي تاڭىدىغان مودېلنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«تۈپتىن بىر ئۆزگىرىش» كە چاقىرغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى، فىرانسىيەنى پەقەت ياردەم بېرىشنىلا ئاساس قىلغان «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارايدىغان لوگىكا» دىن ۋاز كېچىشكە، ئۇنىڭ ئورنىغا باراۋەرلىك ۋە شېرىكلىك ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

يېڭى ئۇسۇلنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن «ئورتاق مەبلەغ سېلىش، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق يېڭىلىق يارىتىش»نى مەركەز قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان ماكرون، يەنە ئافرىقانىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر قىتئەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى