سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ھاماس 13 – ئۆكتەبىردە «بارلىق» ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاماسنىڭ 13 – ئۆكتەبىر كۈنى «بارلىق» ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ھاماس 13 – ئۆكتەبىردە «بارلىق» ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ
ترامپ: ھاماس 13 – ئۆكتەبىردە «بارلىق» ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ / Reuters
2025-يىلى10-ئاينىڭ9-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ باياناتىنى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ غەززەدىكى بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ يېقىن – يېقىنلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان: غەززە كېلىشىمىنى قارشى ئالىمىز، پەلەستىننى داۋاملىق قوللايمىز

ترامپ سۆھبەت جەريانىدا بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، «بارلىق» ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن قويۇپ بېرىلىدىغانلار ئارىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ترامپ ئىلگىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان غەززە كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

29 – سېنتەبىر كۈنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان 20 ماددىلىق پىلان، بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىش، ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 67 مىڭ 200 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمانلىرى غەززەنى ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كەمچىلمۇ؟
تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى چەكلەش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ترامپقا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەنقەرە ئامېرىكا - ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بېرىش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
مېلونى: ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي بازا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەيمىز
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن  جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى