مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ماراكەشتە فىرانسۇزچىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئەرەبچىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش چاقىرىقلىرى كۈچەيدى
ماراكەشتىكى بىر مىللىي ئىتتىپاق «دۇنيا ئەرەب تىلى بايرىمى»دا ئەرەب تىلىنىڭ رەسمىي ئورنىنىڭ تولۇق كۈچكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ماراكەشتە فىرانسۇزچىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئەرەبچىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش چاقىرىقلىرى كۈچەيدى
ماراكەش بايرىقى / TRT Afrika English
2025-يىلى12-ئاينىڭ18-كۈنى

ماراكەشتىكى بىر مىللىي ئىتتىپاق چارشەنبە كۈنى مائارىپ، باشقۇرۇش ۋە باشقا ساھەلەردە فىرانسۇز تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئەرەب تىلىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

«دۇنيا ئەرەب تىلى بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ماراكەش مەملىكەتلىك ئەرەب تىلى ئىتتىپاقى دۆلەتتە تېخىمۇ كەڭ ئورۇنغا ئىگە تىل كەلگۈسىنىڭ، پەقەت ئەرەب تىلىنىڭ رەسمىي ئورنىنىڭ ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك قوللىنىلىشى بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىتتىپاق مائارىپ، باشقۇرۇش، مالىيە، سودا دۇنياسى ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردە ئەرەب تىلىنى ئاساسلىق تىلغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە فىرانسۇز تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، «ئېنىق ۋە قەتئىي تىل سىياسىتى» بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىتتىپاق يەنە جامائەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا رەسمىي ھۆججەتلەردە، مۇلازىمەتلەردە ۋە ئالاقىلەردە ئەرەب تىلىنى ياكى ئامازىغ (بەربەر) تىلىنى ئىشلىتىشىنىڭ مەجبۇرىي تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا نۇرغۇنلىغان پۇقراۋى تەشكىلاتلار، دۆلەت ئورگانلىرى، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان تەشكىلاتلار ۋە بانكىلار تەرىپىدىن فىرانسۇز تىلىنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى.

ماراكەش ئاساسىي قانۇنىنىڭ 5-مادىسىدا «ئەرەب تىلى دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلىدۇر، دۆلەت بۇ تىلنىڭ قوللىنىلىشىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. شۇنداقلا ئوخشاش ماددىدا يەنە ئامازىغ تىلىنىڭمۇ رەسمىي تىل ئىكەنلىكى ۋە بارلىق ماراكەشلىكلەرنىڭ ئورتاق مىراسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بولۇپمۇ 2019-يىلى ئاۋغۇستتا يولغا قويۇلغان ۋە بەزى دەرسلىكلەرنىڭ فىرانسۇز تىلىدا ئۆتۈلۈشىگە رۇخسەت قىلغان مائارىپ ئىسلاھاتى قانۇنىدىن بۇيان، فىرانسۇز تىلىنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىلىشى دۆلەتتە تالاش-تارتىشلارغا يول ئاچماقتا.

بۇ سىياسەت فىرانسۇز تىلىنى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ بىر قالدۇقى سۈپىتىدە كۆرىدىغان ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پۇقراۋى گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچلۈك ئۆكتىچىلىكىگە دۇچ كەلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان