بەقايى: تۈركىيە ئاستانە مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى ئاستانا مۇساپىسىدە تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق رولغا ئىگە بولغانلىقىنى ۋە سۈرىيەدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشتە ئىنتايىن پايدىلىق ھەم بەرپاچى رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

#LOE11 : اسرائیل در جنگ با غزه پس از حمله غافلگیرکننده حماس / AP

بەقايى ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ سۈرىيەدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشتە ئاستانە مۇساپىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە ئاستانا مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. سۈرىيەدىكى كەسكىنلىكنى پەسەيتىش مەسىلىسىگە پايدىلىق ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بىز بۇ مۇساپىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئاستانەمۇساپىسىنىڭ سۈرىيەدىكى كىرىزىسنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك مېخانىزم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بەقايى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:«ئاستانا مۇساپىسى دائىرىسىدە تۈركىيە، ئىران ۋە سۈرىيە رايوندىكى جىددىيچىلكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن زور كۈچ چىقاردى. ئۈچ كاپالەتچى دۆلەت جىددىيچىلىكنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تىرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئاستانەمۇساپىىسى يەنىلا جانلىق بولۇپ، خەلقئارالىق جەمئىيەت بۇ جەرياننىڭ مۇھىم تەسىرىنى تولۇق ئېتىراپ قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.