ئەردوغان: «باكۇ-يېرېۋان تىنچلىق شەرتنامىسى ئەزەربەيجاننىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى كېرەك»
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ (ئوڭدا) ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (سولدا). سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باكۇ بىلەن يېرېۋان ئوتتۇرىسىدا (4-ئىيۇل) ئەزەربەيجاننىڭ خانكەندى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ECO) يىغىنى رامكىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈشتە تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
يېرېۋان بىلەن باكۇ 2020-يىلدىكى ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن تىنچلىق شەرتنامىسى توغرىسىدا سۆھبەت باشلىغان بولۇپ، ئەزەربەيجان 2023-يىلى سېنتەبىردە قاراباغدا ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورناتقان.
ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە دۇنيا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېنېرگىيە ۋە تىرانسپورت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلارنى داۋاملىق كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئاخىرىدا، 24-ئىيۇن ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇشال بولغانلىقىنى، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ھەممە دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.