ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېھراندىكى گاندى دوختۇرخانىسى تالاپەتكە ئۇچرىدى

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرى يەكشەنبە كۈنى تېھراننىڭ شىمالىدىكى گاندى دوختۇرخانىسىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان.

By
ھۇجۇمدىن كېيىن، دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك كۈچەيتىلگەن بولۇپ، تېببىي ئەترەتلەر بىنانى تەكشۈردى. / Reuters

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تارقاتقان كۆرۈنۈشلەردە دوختۇرخانىنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ چېقىلغانلىقى ۋە بىنا سىرتىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن دوختۇرخانا ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، سەھىيە ئەترەتلىرى بىنا ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. كۆرۈنۈشلەردە يەنە سېستىرالارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى دوختۇرخانىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇپ، باشقا بىخەتەر ئورۇنلارغا يۆتكەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران قىزىل ھىلال جەمئىيىتىمۇ ئۆزلىرىگە تەۋە مەركىزىي بىنا ۋە بىر قانچە دوختۇرخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى ئىرانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتتە ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر ئۆلتۈرۈلگەن. ئىران بولسا، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەنپەئەت مەركەزلىرى ۋە بازىلىرىغا شۇنداقلا بىر قانچە پارس قولتۇقى دۆلىتىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە راكېتالارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئالغانىدى. ئىسرائىلىيە  بىلەن ئامېرىكا ئۆتكەن ئىيۇن ئېيىدىمۇ ئىرانغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋەقە 12 كۈن داۋاملاشقان بىر ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.