سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن: دېڭىز ساھىللىرىدا خىتاينىڭ 47 ئايروپىلانى ۋە 7 دېڭىز ۋاسىتىسى بايقالدى
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دېڭىز ساھىللىرىدا خىتايغا تەۋە 47 ئايروپىلان ۋە 7 دېڭىز ۋاسىتىسىنى بايقىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
00:00
تەيۋەن: دېڭىز ساھىللىرىدا خىتاينىڭ 47 ئايروپىلانى ۋە 7 دېڭىز ۋاسىتىسى بايقالدى
تەيۋەن دېڭىز ساھىللىرىدا خىتاينىڭ 47 ئايروپىلانى ۋە 7 دېڭىز ۋاسىتىسى بايقالدى / AP

مىنىستىرلىق بايقالغان بۇ پائالىيەتلەرگە «ئايروپىلان، دېڭىز پاراخوتلىرى ۋە ساھىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى» ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

 تەيۋەن خىتاينىڭ 47  ئايروپىلانى، 7 دېڭىز ۋاسىتىسى ۋە بىر رەسمىي پاراخوتنىڭ ئارال دۆلىتىنىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە تەۋە 41 ئايروپىلان ئوتتۇرا سىزىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەيۋەننىڭ شىمالى، غەربىي جەنۇبى ۋە شەرقىدىكى ھاۋا مۇداپىئەسى رايونىغا كىرگەن. 

مىنىستىرلىق بۇ پائالىيەتلەرنىڭ شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 گىچە  بولغان ئارىلىقتا بايقالغانلىقىنى ۋە بۇ پائالىيەتلەرگە «ئايروپىلان، دېڭىز پاراخوتلىرى ۋە ساھىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى» ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. 

 ئىگىلىنىشىچە، ھاۋا مۇداپىئەسى رايونى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى سىرتىدىكى خەلقئارالىق ھاۋا تەۋەلىكى دەپ بەلگىلەنگەن رايون بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن (بۇ رايوندا ھەرىكەت قىلغان)  ئايروپىلانلارنى تونۇش زۆرۈر ئىكەن.

 تەيۋەننى «بۆلگۈنچى ئۆلكە» دەپ قارايدىغان خىتاي، ئوتتۇرا سىزىقنى ياكى ھاۋا مۇداپىئەسى رايونىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن. لېكىن تەيبېي 1949-يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزى قوغداپ كەلمەكتەئىكەن. 

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى