خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە دائىرىلىرى ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، تۇلا رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى / AP

رۇسىيە دائىرىلىرى ئۇكرائىناغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ كېچىچە موسكۋانى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تۇلا سانائەت رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

رايونلۇق دائىرىلەر تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ كېچىچە ئېلىپ بارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنىڭ موسكۋانى نىشان قىلغانلىقى ۋە رۇسىيە پايتەختىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇلا سانائەت رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، موسكۋانى نىشان قىلغان كەم دېگەندە ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. سوبيانىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پارچىلىرى چۈشكەن نۇقتىلارغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەمما دەسلەپكى قەدەمدە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى. رۇسىيە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بولسا، پايتەختكە مۇلازىمەت قىلىدىغان تۆت ئاساسلىق ئايرودۇرۇمنىڭ ئىككىسىدە قاتناشقا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېچىچە ئۇكرائىناغا تەۋە 172 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رايونلاردا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

 تۇلا ۋالىيسى دمىترى مىليايېۋ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ پارچىلىرىنىڭ بىر سانائەت رايونىدا ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. مىليايېۋ مەزكۇر رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇكرائىناغا تەۋە 12 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، موسكۋانىڭ جەڭ ئىقتىدارىغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە ھەربىي، ئېنېرگىيە ۋە ئەشيا ئوبوروت ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە زېمىنىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قارىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز