خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: «بۇ بىزنىڭ ئۇرىشىمىز ئەمەس» دەپ ئىككىگە بۆلۈندى
پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قوشۇلۇپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە ئىككىگە بۆلۈندى.
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: «بۇ بىزنىڭ ئۇرىشىمىز ئەمەس» دەپ ئىككىگە بۆلۈندى
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: «بۇ بىزنىڭ ئۇرىشىمىز ئەمەس» دەپ ئىككىگە بۆلۈندى / Reuters

ئامېرىكا پالاتاسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشىغا قارىتا تېزدىن نارازىلىق بىلدۈردى.

كېڭەش پالاتاسى قوراللىق قىسىملار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مىسسىسىپپىلىق جۇمھۇرىيەتچى روگېر ۋىككېر بۇ ھەرىكەتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ھازىر «ئىنتايىن ئېغىر قارارلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى.

كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئىداخولۇق جۇمھۇرىيەتچى جىم رىچ: «بۇ ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشى، بىزنىڭ ئەمەس. لېكىن ئىسرائىلىيە بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىرى ۋە ئۇ دۇنيا ئۈچۈن ئىراننى قورالسىزلاندۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

رىچ يەنە: «بۇ، تۈگىمەس ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ئەمەس. ئىراندا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بولمايدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

كېنتاككىلىق دىندار جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى توماس ماسسى قۇرۇلتاينىڭ چەت ئەل دۆلەتلىرىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا «بۇ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن پىكرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، لۇئىزىئانالىق جۇمھۇرىيەتچى مايك جونسون: «پرېزىدېنت ئىران رەھبىرىگە كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پۇرسەت بەردى، ئەمما ئىران يادرو قورالسىزلىنىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump threatens more strikes if Iran does not make peace 'quickly'

ئۇ يەنە: «پىرېزىدېنتنىڭ قەتئىي ھەرىكىتى ‹ئامېرىكاغا ئۆلۈم› دەپ شوئار توۋلاۋاتقان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئەجەللىك قورالغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان تېرورىزىمنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت قوللىغۇچىسىنى توسۇۋاتىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

جەنۇبىي داكوتالىق جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتاسى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى جون تۇن بولسا: «مەن پىرېزىدېنت ترامپ تەرەپتە» دەپ قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىنلىك كۆچمەن ئائىلىسىنىڭ قىزى، مىچىگانلىق دېموكرات ۋەكىل راشىدە تلايىب: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پالاتانىڭ تەستىقى ئالماي تۇرۇپ ئىراننى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىشى ئاساسىي قانۇنىمىزغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشتۇر. ئامېرىكا خەلقى يەنە بىر تۈگىمەس ئۇرۇشنى خالىمايدۇ. بىز ئوتتۇرا شەرقتىكى ئون يىللاپ داۋاملاشقان ئۇرۇشلارنىڭ بىزنى نەگە ئاپارغانلىقىنى كۆردۇق... ھەممىسى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قوراللىرى دېگەن يالغانچىلىققا تايىناتتى » دېدى.

ۋىرگىنىيەلىك دېموكرات كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين ئامېرىكا خەلقىنىڭ «ئىرانغا ئۇرۇش ئېچىشقا مۇتلەق كۆپ سانلىق بىلەن قارشى ئىكەنلىكىنى» ئىپادىلەپ، ترامپنىڭ «قورقۇنچلۇق بىر ھۆكۈم» چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

پالاتانىڭ سابىق دېموكرات ئەزالىرىدىن ۋە ھازىر ئىلغار پېشقەدەم ئەسكەرلەر گۇرۇپپىسى «VoteVets» نىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ماكىس روز: «ترامپنىڭ پالاتانىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئىرانغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىش قارارى قانۇنسىزدۇر» دەپ قارشى چىقىش بىلەن بىرگە، «بۇ توقۇنۇش ئۇنىڭ ۋە بارلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچكەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ توقۇنۇشىدۇر» دەپ تەكىتلىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى