ب د ت: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى يەنە 45 مىليون كىشىنى ئېغىر ئاچارچىلىققا ئىتتىرىشى مۇمكىن.
دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى (WFP) نىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان باھا ئۆسۈشى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاچارچىلىقنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ب د ت ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىران ئۇرۇشى ئىيۇن ئېيىغىچە داۋاملاشسا، يەنە 45 مىليون كىشى ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا مىقياسىدىكى ئاچارچىلىق سانى <دەھشەتلىك> يۇقىرى چەككە يېتىدۇ.»
ھازىر ئۈچىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بۇ ئۇرۇشتا يۈزلىگەن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. ئىران ئىسرائىلىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىدى. -ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ لىۋان سېپىدە ئۇرۇش قىلماقتا.
دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە مۇدىرى كارل سكاۋ (Carl Skau) سەيشەنبە (2026-يىلى 17-مارت) كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشى ئىيۇن ئېيىغىچە داۋاملاشسا، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن يەنە 45 مىليون كىشى ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ دۇنيادىكى ئاچارچىلىق سەۋىيەسىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت سەۋىيەگە ئېلىپ بارىدۇ، بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال. نۆۋەتتە 319 مىليون كىشى ئېغىر ئوزۇق يېتىشمەسلىك كىرىزىسىدە ئىچىدە تۇرماقتا، بۇنىڭ ئۆزىلا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي باشقا بىر سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ.»
سكاۋنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى ئۇرۇش 28-فېۋرال پارتلاشتىن بۇرۇنلا «قاتتىق بوران» (ئېغىر قىيىنچىلىق) غا دۇچ كەلگەن.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئاچارچىلىق ھېچقاچان ھازىرقىدەك ئېغىر بولۇپ باقمىغان. بۇنىڭغا پەۋقۇلئاددە ھاۋا رايى ھادىسىلىرى، توقۇنۇشلار ۋە بەزى رايونلاردا ئاچارچىلىق ئېلان قىلىنىشى سەۋەب بولدى» دېدى.
ئۇ ياردەم سوممىلىرىنىڭمۇ 2023- ۋە 2024-يىللاردىكى سەۋىيەدىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خادىملارنى قىسقارتىشقا ۋە ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئىخچاملاشقا مەجبۇر بولدۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتتۇق» دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى ياردەم پائالىيەتلىرىنى «ئىنتايىن قىممەت يۇقىرى» قىلىۋەتكەن.
ئۇ مەزكۇر ئاگېنتلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توسالغۇلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە توشۇش مۇساپىسىنىڭ ئۇزىرىشى سەۋەبىدىن ياردەم تەننەرخى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن.