خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا مەكەزىي قوماندانلىق ئىشتابى، ھۇجۇملارنىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ بىر كونتېينېر پاراخوتىغا قارىتىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى رايونلاردا پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى قىسىملىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىرانغا قارىتىپ بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى  X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىر ئاممىۋىي پاراخوت خادىمىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، پاراخوتنىڭ بولسا ئىچىدىكى ئوت كېتىش ۋە ماتور ئۆيىدىكى ئېغىر ۋەيرانچىلىق سەۋەبىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى» بىلدۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى پاراخوتقا «ئاشكارا» ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئىرانغا قارىتىپ ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ھۇجۇملار پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى 16-ئىيۇندا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرانغا، ئىلگىرى سودا پاراخوتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھېساب سورالغاندىن كېيىن، ئۆزئارا چۈشىنىش كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىلگەن ئىدى، ئەمما يەنە مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراننىڭ بوغۇزدىن ئەركىن ئۆتۈۋاتقان ئاممىۋى دېڭىزچىلارغا ۋە سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېغىر بەدەل تۆلىتىۋاتىدۇ»

پارتلاشلار نۇرغۇن پورت شەھەرلىرىنى زىلزىلىگە سالدى

ئىران دۆلەت تاراتقۇسى IRIB، ئىراننىڭ جەنۇبىدا تېخىمۇ كۆپ پارتلاشلارنىڭ مەلۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بەندەر ئابباس ۋە سىرىك پورت شەھەرلىرىدە ئۈچ قېتىمدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى جزمەنلەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

چاباھار پورت شەھىرىدە ئىككى، بۇشەھر ئۆلكىسىدىكى بەندەر-ئې دەير شەھىرىدە بولسا بەش پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنىڭدىن باشقا بۇشەھر ئۆلكىسىدىكى ئاسالۇيە شەھىرىدىمۇ تۆت پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دېڭىزچىلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرى

ئىلگىرى ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتلىرى ئىدارىسى ئومان قىرغاقلىرىنىڭ تەخمىنەن 9 دېڭىز مىلى (16 كىلومېتىر) يېراقلىقتا بىر ۋەقەگە ئائىت دوكلات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

ئورگاننىڭ باياناتىدا: «ھەربىي مەسئۇللار، بىر كونتېينېر پاراخوتىنىڭ كەينى قىسمىدا ۋەيرانچىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ پاراخوتتا ئوت ئاپىت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. «پاراخوتلارنىڭ دىققەت بىلەن يول يۈرۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، بوغۇزدىكى بىر پاراخوتقا قارىتىلغان ئىران ھۇجۇمىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئىرانغا قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنىنى باشلانغانلىقىنى جاكارلىشىدىن دەرھال كېيىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran's Revolutionary Guard announces closure of Strait of Hormuz 'until further notice'
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»