سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە زېمىنىدىكى ئوخشىمىغان نىشانلارغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ پېرم رايونىدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەدىكى ئوخشىمىغان نىشانلارغا قارىتا ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇكرائىنا چېگراسىدىن 1600 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى پېرم نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە نىشان قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي: «ۋولگوگراد رايونىدىكى مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. قارادېڭىزدە يەنە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېدى.

زېلېنسكىي كراسنودار رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى قويۇپ بېرىدىغان ۋە ساقلايدىغان بىر نۇقتىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ ئاستراخان رايونىدا، ئۇكرائىنا بىلەن ئارىلىقى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاختۇبىنسك ھەربىي ئايرودۇرۇمىغىمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇ يەردىكى بىر دانە «س - 34» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار