خەلقئارا جەمئىيەت غەززەگە ياردەم فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

خەلقئارا جەمئىيەت غەززەگە ياردەم فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ھاماس بۇ ھۇجۇمنى «قاراقچىلىق، تېررورلۇق» دەپ ئاتىدى.

خەلقئارا جەمئىيەت غەززەگە ياردەم فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى / AP

پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «پۇقرالارغا قارشى قاراقچىلىق ۋە دېڭىز تېررورلۇقى جىنايىتى» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە «دۇنيادىكى بارلىق ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى» بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىشكە چاقىردى.

ھاماس يەنە، خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن باشقا، پائالىيەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى «خائىنلارچە ھۇجۇم» دەپ ئاتاپ، ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ قارا خاتىرىسىگە قوشۇلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد تەشكىلاتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ پاراخوتتىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە بۇ ھۇجۇمنى «دېڭىز قاراقچىلىقى، خەلقئارا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كېلىشىملىرىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ ئاتىدى.

 خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسېسكا ئالبانېسې، ئىسرائىلىيەنىڭ فىلوت پائالىيەتچىلىرىنى تۇتۇپ كېتىشىنى «قانۇنسىز قىلمىش» دەپ ئاتىدى ھەمدە غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى جىنايەتكە شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ياۋروپا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئىسرائىلىيەدىن «قاتناشقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە ئۇلارنى خۇددى كونسۇلخانا خادىملىرىغا ئوخشاشلا قوغدىشىنى» تەلەپ قىلدى.

شىۋېيتسارىيە فىلوتقا قارىتىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ «قانۇن - بەلگىلىمىلەر ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە پاراخوتتىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە» ئەيىبلەپ، «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

ئىسپانىيە رايوندىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ «دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

بېلگىيە ئىسرائىلىيەنى «خەلقئارا قانۇن، دېڭىز ئىشلىرى قانۇنى قاتارلىق بارلىق قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا ھەمدە فىلوت پاراخوتلىرىنى قوغداشقا» چاقىردى.

ئىرېلاندىيە ھۇجۇمنى «ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال» دەپ ئاتىدى. ئىرېلاندىيە پىرېزىدېنتى مايكېل خىگگىنس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ۋە غەززەدىكى يول توسۇشلىرىنى «پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش» دەپ تەسۋىرلىدى.

خىگگىنس پائالىيەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ «بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەندىشىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ غەززەدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىمۇ بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى براندو بېنىفېي ھۇجۇمنى «قانۇنسىز قىلمىش ۋە جىنايى ھەرىكەت» دەپ ئاتاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ فىلوتنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

 جەنۇبىي ئامېرىكامۇ ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

 

جەنۇبىي ئامېرىكامۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو، ئىككى كولۇمبىيە پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك ھەيئىتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى ھەمدە ھۇجۇمنى ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇ تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان «يېڭى بىر خەلقئارا جىنايەت» دەپ تەسۋىرلىدى.

بىرازىلىيە پاراخوتتىكى 15 پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە  ھۇجۇمنى «قورقۇنچاقلارچە قاراقچىلىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

ئۇرۇگۋاي «قاتتىق ئەندىشىلىرىنى» ئىپادىلىدى. بولىۋىيە پىرېزىدېنتى لۇئىس ئارسې ھۇجۇمنىڭ «خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىلى فىلوتتىكى پۇقرالىرىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن داۋالاش ماتېرىياللىرىنى توشۇۋاتقان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى يولغا چىققان بولۇپ، نورمال شارائىتتا غەززە دېڭىز قىرغىقىغا ئاللىقاچان يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. 45 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 500 دىن كۆپ پائالىيەتچى ئولتۇرغان 50 پاراخوتتىن تەشكىل تاپقان فىلوت، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئەڭ چوڭ فىلوت ھېسابلىنىدۇ.