خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى: «پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئوچۇق»
دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۈمە كۈنى سانكت-پېتېربۇرگتا، ترامپنىڭ پىرېزىدېنت بولغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئېلىپ باردى.
ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى: «پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئوچۇق»
Witkoff said during a Fox News interview televised on Monday that he sees a peace deal "emerging". / AP

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا بىلەن «ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق» كېلىشىمىگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئالاھىدە ۋەكىل بۇ باياناتنى، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن ئېلان قىلدى.

جۈمە كۈنى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف، سانكت-پېتېربۇرگتا پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. ۋىتكوف بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى، جۇمھۇرىيەتچى دونالد ترامپنىڭ يانۋاردا ئاق سارايغا قايتىشىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى كۆرۈشۈش بولدى.

ۋىتكوف، دۈشەنبە كۈنى فوكس خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان زىيارىتىدە، تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھازىرچە شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇتىننىڭ ئىككى مۇھىم مەسلىھەتچىسى بولغان يۇرى ئۇشاكوۋ ۋە كىرىل دمىترىيېۋ بىلەن «ئۈنۈملۈك بىر يىغىن» ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋىتكوف، «پۇتىننىڭ تەلىپى بۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشتۇر. ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنىڭ سىرتىدا بۇنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ نۇقتىغا كېلىشىمىز بىر ئاز ۋاقىت ئالدى» دېدى.

ۋىتكوف «مېنىڭچە پۈتۈن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقەنىڭ بوسۇغىسىدا بولۇشىمىز مۇمكىن» دېدى ھەمدە رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا كېلىشىملىرىنىڭمۇ سۆھبەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاھىدە ۋەكىل ۋىتكوف، «رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى، رايونغا ھەقىقىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك سودا پۇرسەتلىرى ئارقىلىق قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش پۇرسىتىمىز بارلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ترامپ موسكۋا ۋە كىيېۋنى ئۇرۇش توختىتىشقا قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە كرېملىندىن مۇھىم بىرەر يول قويۇشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.

پۇتىن ئۆتكەن ئايدا، ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنانىڭ بىرلىكتە تەييارلىغان ۋە توقۇنۇشلارنى تولۇق ھەم ئالدىن شەرت قويماي توختىتىشقا دائىر تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى. كرېملىن، قارا دېڭىزدىكى مۇمكىن بولغان ئۇرۇش توختىتىشنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش شەرتىگە باغلىغان ئىدى.

مەنبە:TRT Uygur
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى