ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى / TRT Uyghur

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن، شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئېچىش قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئەردوغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدە خاتىرجەم ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىجىل شەرت - شارائىتلارنىڭ ھازىرلىنىشى، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.