خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراندا نۇرغۇنلىغان نىشانلارغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ ھەربىي كۆزىتىش ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئالاقە سىستېمىلىرى، ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراندا نۇرغۇنلىغان نىشانلارغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراندا نۇرغۇنلىغان نىشانلارغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى / Reuters

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا بىر سودا پاراخوتىغا قىلغان ئاخىرقى ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىران تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇنلىغان نىشانلارغا قايتىدىن زەربە بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 27-ئىيۇن كۈنى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىران قىسىملىرى پاناما بايرىقى قادالغان «كىكۇ» ناملىق نېفىت تانكىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن زەربە بەرگەن.

ئىككى مىليون ۋارىلدىن ئارتۇق خام نېفىت توشۇغان تانكەر، ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن يەردىن ئۆتۈۋاتقان پەيتتە، جۈمە كۈنى 04:30 دا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى: «ئامېرىكا قىسىملىرى، ئىراننىڭ سودا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرۇش سۈپىتىدە بۈگۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي كۆزىتىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى، ئالاقە سىستېمىلىرىنى، ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىرىنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ۋە دېڭىزغا مىنا ياتقۇزۇش ئىقتىدارىنى نىشانغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قوماندانلىق شىتابى سودا پاراخوتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر «سەزگۈر، ئۈنۈملۈك شۇنداقلا جەڭگە تەييار» ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ جەنۇبىدا پارتلاش ئاۋازلىرى

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى سىرىك شەھىرىدە كۆپلىگەن پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىر ھەربىي مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋەردە، بىر قىسىم ئوقلارنىڭ تاھرۇيى يېزىسىدىكى بىر تېلېگراف مۇنارىغا تەككەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ئىراننىڭ «فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى» مۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى قەشم ئارىلىغا جايلاشقان مىسىن يېزىسىدا بىر پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىقتىسادىي زىيان، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرىغا ئائىت ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەنمىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى