خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئاندى بۇرنھام ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدىكى قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئاندى بۇرنھام ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدىكى ھەرىكەتلىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. رايونغا ئىنتايىن ئاز ياردەم كىرەلەيدۇ» دېدى.

ئاندى بۇرنھام ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتىدىن بېكىتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىر قاتار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھېچقانداق قىلمىشىنى ھەققانىي قىلىپ كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇرنھام: «بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. رايونغا ئىنتايىن ئاز ياردەم كىرەلەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. قورقۇنچلۇق ئازابلار كۈچىيىۋاتقان، ئىككى خەلق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز» دېدى.

بۇرنھام ئىسرائىلىيە تەرەپتىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەر رايونلىرى بىلەن بولغان سودىنى مەنئىي قىلدۇق. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىشغالىيىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئازاب-ئوقۇباتلارنىڭ ۋە ئۆلۈملەرنىڭ ئەمدى ئاخىرلىشىشىنى خالايمىز. ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا توختىماي سۆز قىلىپ، لېكىن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشنىڭ سىياسىي ئاپپاراتلارغا بولغان ئىشەنچنى ئازايتىۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئاندى بۇرنھام: «دۈشمەنلىرىمىز بۇ ئەھۋالدىن غەرەزلىك پايدىلىنىشقا باشلايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ