تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتىتېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىغا جايلاشقان 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى. بۇ ئۆزگىرىش مۇساپىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مەتىنانىڭ بازە رايونىغا جايلاشقان تۆت پاناھلىنىش ئورنىنى 8-ئۆكتەبىر كۈنى بوشاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رايوندىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرك - كورد قېرىنداشلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان «مىللىي ھەمدەملىك ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكنى كۈچەيتىش» كۆز قارىشى، قەتئىي ۋە يول قويماسلىق روھى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك «مىللىي ھەمدەملىك ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكنى كۈچەيتىش» پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە توقۇنۇش خەۋپى بولغان پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى بوشىتىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مەتىنانىڭ بازە رايونىغا جايلاشقان ھېبات، ياجك، سابرى ۋە ساسون پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى 8-ئۆكتەبىردە بوشاتتى. بۇ ئۆزگىرىش مۇساپىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەشكىلاتنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىنكى باسقۇچلاردا، قانۇندىن بەھرىمەن بولۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدىغان تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن ئىجتىمائىي ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە يولغا قويۇلىدىغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پىروگراممىلار ئارقىلىق، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەت بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنماقتا. مەزكۇر ئۆزگىرىشلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىچكى تىنچلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساستا تۇرغۇزۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، بۇ مۇساپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بىلەن تۈرك - كورد قېرىنداشلىقى ئاساسىدا جەمئىيەتتىكى بارلىق قاتلاملارنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلىكتە، تىنچ ۋە ئازادە ياشىشىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەلەر يەنە «مىللىي ھەمدەملىك ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكنى كۈچەيتىش» ھەمدە رايوندىكى مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسى دائىرىسىدە تاشلانغان ھەر بىر قەدەمنىڭ، خەلق لايىق بولغان تىنچلىققا تولغان كەلگۈسىنىڭ خەۋەرچىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە