كىيېۋ: رۇسىيە ئۇكرائىناغا «تارىختىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ھۇجۇمى» نى باشلىدى
كىيېۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ 296 دانە ئۇچقۇسى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن، يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى پاچاقلانغان، 415 دانە ئۇچقۇ رادارلاردىن غايىب بولغان ياكى توسۇۋېلىنغان.
رۇسىيە ئۇكرائىناغا «تارىختىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ھۇجۇمى» نى باشلىدى. سۈرەت: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى. / AP
كىيېۋ ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۈچ يىللىق ئۇرۇشىدا، تارىختىكى ئەڭ چوڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇمىنى باشلىغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، رۇسىيە 728 دانە ئۇچقۇ ۋە 13 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم باشلىغان. ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى 711دانە ئۇچقۇنى يوقاتقان، كەم دېگەندە يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
ئۇكرائىنا رەھبىرى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مۇنداق دەپ يازدى: «بۇ بىر دىققەت قوزغايدىغان ھۇجۇم بولۇپ، دەل تىنچلىق ئورنىتىپ، ئۇرۇش ئېلان قىلىش تىرىشچانلىقلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. رۇسىيە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.»
ئۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئېېنرگىيە سېخى رۇسىيە ئۇرۇش خامچوتى ئۈچۈن مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
زېلېنسكىي يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شېرىكلىرىمىز رۇسىيەنى ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن قانداق بېسىم ئىشلىتىشنى بىلىدۇ، يېڭى ھۇجۇملارنى باشلاشنىڭ ئەمەس.»
ئۇكرائىنانىڭ غەربىگە جايلاشقان لۇتسك شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىگور پولىشچۇكنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا بىر كارخانىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا خەۋەر بىلدۈرۈلمىگەن.
بۇ قېتمقى يېڭى ھۇجۇم، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رۇسىيە 550 دانە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇمىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
بۇ ھۇجۇم يەنە، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بەزى قورال تەمىناتىنى قىسقارتىدىغانلىقى قارارىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن يۈز بەردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىشخانا باشلىقى ئاندرىي يېرماك ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مۇنداق دەپ يازدى: «رۇسىيەنىڭ دەل ئامېرىكا بىزنى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان پەيتتە بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشى، ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.»