خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ مەككە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمەكچى بولغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇپ قېلىپ، پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان: ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرى مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پاچاقلاپ تاشلىدى.

ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، بىرىگادا گېنېرالى تۇركى ئەلمالىكى ««X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 18:50 ئەتراپىدا، ھۇسىيلار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى مەككەدىكى چەكلەنگەن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشتىن بۇرۇنلا بايقاپ، مەككە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرىگادا گېنېرالى مالىكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ دۈشمەنلەرچە ۋە تېررورلۇق قىلمىشى 2017-يىلى 27-ئىيۇلدىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى، مەككە مۇكەررەمەنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشتۇر. ۋەھىي نازىل بولغان، پەيغەمبەرلىك ماكانى بولغان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولغان بۇ مۇقەددەس تۇپراقنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشقا ئۇرۇنۇش نومۇسسىزلارچە بىر قىلمىشتۇر. مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىنى قەستەن غىدىقلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ ھەرىكەت، تېررورچى ھۇسىيلارنىڭ قارا تارىخىدا يېڭى بىر داغ بولۇپ قالىدۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەج ۋە ئۆمرە زىيارەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ «قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھۇسىيلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى زۆرۈر ھەم چەكلەش كۈچىگە ئىگە بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشتا ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۇسىيلار تۈنۈگۈن مەككەنى ئاساس قىلغان مۇقەددەس جايلارنىڭ يەمەندىن كەلگەن بىر تەھدىتنىڭ نىشانى بولغانلىقىغا ئائىت دەۋالارنى رەت قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ