پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىدە روشەن قىيىن - قىستاق ئىزلىرى كۆرۈلدى
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرىدە قىيىن-قىستاق، كۆيۈك ۋە باغلىغان ئىزلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىر گۇرۇپپا مەھبۇس بولسا، ئەزا ئوغرىلاش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىدە روشەن قىيىن - قىستاق ئىزلىرى كۆرۈلدى
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىدە روشەن قىيىن - قىستاق ئىزلىرى كۆرۈلدى / AP

غەززەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سەھىيە ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە قايتۇرۇلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە كۆيۈك ئىزلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش دېرىكتورى دوكتور مۇنىر ئەلبۇرش پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «غەززەدىكى مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرى ھايۋانلارغا ئوخشاش باغلىنىپ، كۆزلىرى تېڭىلغان، قورقۇنچلۇق قىيىن-قىستاق ۋە كۆيۈك ئىزلىرى بار ھالەتتە بىزگە قايتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەخپىي قىلىنغان ۋەھشىلىكلەرنىڭ دەلىلى» دېدى.

ئەلبۇرش جەسەتلەردىكى ئوچۇق-ئاشكارا ئىز-ئالامەتلەرنى «يوشۇرغىلى بولمايدىغان جىنايەتلەر» دەپ خاراكتېرلەندۈرۈپ، نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ «باغلانغاندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى»نى تىلغا ئالدى.

«بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى جاللاتنىڭ ۋەھشىلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قالدۇرۇلدى؛ چۈنكى ئۇلار تەبىئىي ئۆلۈم بىلەن ئەمەس، باغلانغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن ئەلبۇرش، «جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي خەلقئارالىق تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە «تولۇق مەنىدىكى بىر ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ ئېنىقلىما بەردى.

پەلەستىنلىك مەھبۇسلار مېدىيا ئىشخانىسى قايتۇرۇلغان بەزى جەسەتلەرنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلانغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلار بەزى جەسەتلەردىن ئىنسان ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلانغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ بۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ئىشغالچىنىڭ ھايات ۋە ئۆلۈك پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سىستېمىلىق جىنايەت سادىر قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىر جىنايەتتۇر» دېيىلدى.

ئىدارە تېببىي ۋە ئەدلىيە گۇۋاھلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، قايتۇرۇلغان نۇرغۇن جەسەتتە «قوللىرى كىشەنلەنگەن، كۆزلىرى تېڭىلغان ۋە ئېغىر قىيىن-قىستاق، كۆيۈك ۋە ئىسرائىلىيە ماشىنىلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىزلىرى» بارلىقىنى بىلدۈردى.

مېدىيا ئىشخانىسى يەنە، «دەلىل-ئىسپاتلار بەزى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن سوغۇق قانلىق بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە تۆتىنچى جەنۋە كېلىشىمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى دەلىللەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېدىيا ئىشخانىسى، «جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە خەلقئارا ئەدلىيەگە تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي ۋە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا قىزىل كرېست كومىتېتى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەدىن 30 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە قىيىن-قىستاق ئىزلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى جۈمە كۈنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە كەم دېگەندە 120 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

ئىزدىنىڭ
مىرزىيايېۋ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى
CNN: ئىران ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەم دېگەندە 16 بازىسى زىيانغا ئۇچرىدى
مودى مۇھىم ئىشتاتلاردىكى سايلام بېلەتلىرىنى ساناشنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇھىم بىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە
ئامېرىكا ھورمۇز بوغۇزىدا «ئەركىنلىك تۈرى»نى يولغا قويۇپ، بىتەرەپ پاراخوتلارنى قوغداشنى باشلىدى
مېرز: ئەسكەر سانىنىڭ ئازىيىشىغا قارىماي گېرمانىيە ئامېرىكانىڭ «مۇھىم شېرىكى» بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا ئىران پاراخوتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى ئىرانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتىدىن باشلاشنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ب د ت دوكلاتچىسى 'ياۋروپانىڭ ئىسرائىلىيەلىشىشى' گە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەر سانىنى «5000 دىنمۇ كۆپ» ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئامېرىكاغا 1 ئاي مۆھلەت بەردى
رۇسىيەنىڭ خېرسونغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلدى
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قۇددۇستىكى كاتېدرالغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى نارازىلىق قوزغىدى
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ راھىبىگە قىلغان "نومۇسسىزلارچە" ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ترامپ: ئىراننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمايمەن