پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىدە روشەن قىيىن - قىستاق ئىزلىرى كۆرۈلدى
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرىدە قىيىن-قىستاق، كۆيۈك ۋە باغلىغان ئىزلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىر گۇرۇپپا مەھبۇس بولسا، ئەزا ئوغرىلاش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىدە روشەن قىيىن - قىستاق ئىزلىرى كۆرۈلدى
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىدە روشەن قىيىن - قىستاق ئىزلىرى كۆرۈلدى / AP
2025-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى

غەززەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سەھىيە ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە قايتۇرۇلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە كۆيۈك ئىزلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش دېرىكتورى دوكتور مۇنىر ئەلبۇرش پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «غەززەدىكى مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرى ھايۋانلارغا ئوخشاش باغلىنىپ، كۆزلىرى تېڭىلغان، قورقۇنچلۇق قىيىن-قىستاق ۋە كۆيۈك ئىزلىرى بار ھالەتتە بىزگە قايتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەخپىي قىلىنغان ۋەھشىلىكلەرنىڭ دەلىلى» دېدى.

ئەلبۇرش جەسەتلەردىكى ئوچۇق-ئاشكارا ئىز-ئالامەتلەرنى «يوشۇرغىلى بولمايدىغان جىنايەتلەر» دەپ خاراكتېرلەندۈرۈپ، نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ «باغلانغاندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى»نى تىلغا ئالدى.

«بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى جاللاتنىڭ ۋەھشىلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قالدۇرۇلدى؛ چۈنكى ئۇلار تەبىئىي ئۆلۈم بىلەن ئەمەس، باغلانغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن ئەلبۇرش، «جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي خەلقئارالىق تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە «تولۇق مەنىدىكى بىر ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ ئېنىقلىما بەردى.

پەلەستىنلىك مەھبۇسلار مېدىيا ئىشخانىسى قايتۇرۇلغان بەزى جەسەتلەرنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلانغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلار بەزى جەسەتلەردىن ئىنسان ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلانغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ بۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ئىشغالچىنىڭ ھايات ۋە ئۆلۈك پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سىستېمىلىق جىنايەت سادىر قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىر جىنايەتتۇر» دېيىلدى.

ئىدارە تېببىي ۋە ئەدلىيە گۇۋاھلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، قايتۇرۇلغان نۇرغۇن جەسەتتە «قوللىرى كىشەنلەنگەن، كۆزلىرى تېڭىلغان ۋە ئېغىر قىيىن-قىستاق، كۆيۈك ۋە ئىسرائىلىيە ماشىنىلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىزلىرى» بارلىقىنى بىلدۈردى.

مېدىيا ئىشخانىسى يەنە، «دەلىل-ئىسپاتلار بەزى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن سوغۇق قانلىق بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە تۆتىنچى جەنۋە كېلىشىمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى دەلىللەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېدىيا ئىشخانىسى، «جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە خەلقئارا ئەدلىيەگە تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي ۋە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا قىزىل كرېست كومىتېتى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەدىن 30 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە قىيىن-قىستاق ئىزلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى جۈمە كۈنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە كەم دېگەندە 120 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان قانداق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى؟
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ 48 سائەت ئىچىدە قانداق تازىلاندى؟
ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا خەلقئارالىق نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە
ئەنگلىيە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پائال ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلگىيەدىن ئۇكرائىنا پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى
سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر: ئەنگلىيە ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى
تۈركىيە بىلەن پاكىستان پەلەستىن خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە كىيېۋغا كېچىچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيەدە ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قىلچە يول قويماسلىق  سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى
ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۇچۇرى پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تور مۇنازىرىسىگە سەۋە
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن 31-قېتىمىلىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقى 3000 پەلەستىنلىك ساقچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىماقتا
فىرانسېسكا ئالبانېس فىرانسىيە پارلامېنتىدا غەززە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
تۈركىيە 11 – ئايدا سۈرىيەگە ترانسىپورت مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ
ترامپ ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىماقتا
ئەردوغان: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىش ناھايىتى مۇھىم
ياۋروپانىڭ يېڭى دەۋردىكى ھاۋا مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى: ئۇچقۇ سېپىلى قۇرۇش
ئىسرائىلىيە ئۈن-تىنسىز ھالدا يادرو ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىۋاتامدۇ؟
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى