ھىندىستاندا ئايروپىلان ۋەقەسىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باشقا 4 كىشى ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە باشقا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاجىت پاۋارنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى «ھەيران قالارلىق ۋە ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ تەسۋىرلىدى. دائىرىلەر ۋەقەدە ھايات قالغانلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا بارلىقىنى ئېيتتى.
دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى «All India Radio»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاجىت پاۋار ۋە تۆت كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلان ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ باراماتى شەھىرىدە چۈشۈپ كەتكەن.
ئايروپىلاندا پاۋاردىن باشقا، ئىككى نەپەر مۇستەقىل خادىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە تۆت كىشى بار ئىدى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە ھېچكىم ئامان قالمىغان.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پاۋارنىڭ «ۋاقىتسىز ئۆلۈمىنىڭ كىشىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
مودى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ماخاراشتىرا خەلقىگە خىزمەت قىلىشتا ئالدىنقى سەپتە تۇرغان ۋە تىرىشچان بىر شەخس بولغان پاۋار ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە سانسىزلىغان قوللىغۇچىلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. جۈملىدىن ۋەقەدە يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.
ۋەقەگە ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ئوچۇق بىر مەيدانغا چېچىلىپ كەتكەن، كۆيۈۋاتقان ئايروپىلان خارابىلىكلىرىدىن ئۆرلەۋاتقان ئىس – تۈتەكلەر كۆرۈلىدۇ.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاۋار ئولتۇرغان ۋە ھىندىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بومبايدىن يولغا چىققان ئايروپىلان ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ باراماتى شەھىرىگە جىددىي قونۇشقا تىرىشقان ئىكەن.