خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
گرېتسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن كاتىمېرىنى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقلىقى كېلىشىمىنىڭ «ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقىنى» يازدى.
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»

«مەككە كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى» ماۋزۇسى بىلەن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، گرېتسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان يېقىن مۇناسىۋەتلىرىگە قارىماي، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئافىنادا ئۈمىدسىزلىككە يول ئاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، گرېتسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنى يېقىندىن كۆزىتكەنلىكى، ئەمما مۇساپىنىڭ ئۆزئارا مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىم بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، كېلىشىمنىڭ گرېتسىيە قوللىغان ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى (IMEC) لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

ئافىنانىڭ ئاخىرقى بەش يىلدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە مۇھىم دىپلوماتىيەلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە، بۇ دائىرىدە گرېتسىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا پاترىئوت (Patriot) باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەمدە دۆلەتتىكى گرېتسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ سەئۇدى ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ رىيادنىڭ خۇسىيلاردىن كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارشى رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىزدىنىشىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىم بىلەن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلىغانلىقى تەرپكە ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە يەنە، تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولسا تۈركىيە مۇداپىئە شىركىتى بايقاردىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سېتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كاتىمېرىنى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تۈركىيە مەسئۇللىرىنىڭ كېلىشىمنىڭ پۈتۈنلەي مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر دۆلەتنى نىشانلىمىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئىشىكى ئوچۇق بولالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى