ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «Flynas» ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ A320 تىپلىق ئايروپىلانى تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مىلان مالپېنسا ئايرودۇرۇمىدىن جىددىگە قاراپ ئۇچقان. بىر مەزگىلدىن كېيىن بومبا تەھدىتى ھەققىدىكى ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىم فىيۇمىچىنو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونغان.
تەۋسىيە
ئايروپىلاندا 83 يولۇچى ۋە 10 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى. قونغاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە بومبا بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
























