تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سۈرىيەدىكى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قەتئىي ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق تەرەپلەرنى قورالسىزلىنىشقا ۋە سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى.
تۈركىيە سۈرىيەدىكى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
2025-يىلى7-ئاينىڭ26-كۈنى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكتىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋەيدا ئۆلكىسىدە دۇرزى ۋە بەدەۋىي گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

خاقان فىدان NTV تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۈرىيە مىقياسىدا ھەر خىل گۇرۇپپىلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلەتنىڭ شىمالى، جەنۇبى، شەرقى ۋە غەربىدىكى بەزى باشقا گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ھەرىكەتلىنىش ئالامەتلىرىنى، بىر قىسىم بايانات ۋە نۇتۇقلارنى كۆردۇق. شۇ ۋەجىدىن، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. چۈنكى بىز بۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى خالايمىز» دېدى.

خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ماس ھالدا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ئارقىلىق ئۆتكۈنچى باسقۇچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خاقان فىدان، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن ئەڭ يېڭى ئىنكاسلارنىڭ ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىدان بەزى تاشقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشى، مۇقىمسىزلىقى ۋە ئاجىزلىشىشىدىن نەپ ئالىدىغان كۈچلەرنىڭ، سۈرىيەنى ئۆز ئىچىدىكى چارىسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە نائىلاجلىق پاتقىقىدا تىپىرلاشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ھەمىشە كۆرۈپ كەلدۇق.»

دىيالوگ چاقىرىقى

سۇۋەيدادىكى يېقىنقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن خاقان فىدان، جاۋابكارلارنىڭ دەرھال جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق گۇرۇپپىلارنى «ئېتنىك ياكى دىنىي كىملىكىمىزنى قوغدايمىز» دېگەن باھانە بىلەن سۈرىيەنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىپ: «بۇ زوراۋانلىقنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۆلەتتە ئىتتىپاقلىق ۋە پۈتۈنلۈكنى ئورنىتىمىز دەپ تۇرۇپ، دۆلەتتىكى ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكلەرنى باستۇرۇش قانچىلىك خاتا بولسا، ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكلەر ئۆزلىرىنى خاتىرجەم ھېس قىلسۇن دەپ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قالغان قىسمىنى ئوت-يالقۇنغا ئىتتىرىشمۇ شۇنچىلىك خاتادۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ بارلىق تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئېتنىك ۋە دىنىي جامائەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما قورال-ياراغنىڭ پەقەت مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «لېكىن دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىدىن باشقا ھېچقانداق كۈچنىڭ قولىدا قورال بولماسلىقى كېرەك. ئەلۋەتتە، دۆلەتمۇ ‹ھوقۇق مېنىڭ قولۇمدا› دەپلا بۇ گۇرۇپپىلارنى باستۇرماسلىقى لازىم» دېدى.

خاقان فىدان پ ك ك / ي پ گ بىلەن ئالاقىسى بار بولغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ ۋاقىتنى زايە قىلماي، ئىختىيارىي ۋە شەرتسىز ھالدا مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنىڭ ھەمدە بۇ كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ھېچقانداق «ئەمما»سى يوق قەدەملەرنى بېسىشىنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «ئەگەر ئۇلار بۇ جەرياندا كاپالەتكە ئېھتىياجلىق بولسا، ئاساسىي ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە جان-مال بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ گۇۋاھچى سۈپىتىدە رول ئوينىشى ناھايىتى مۇھىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم چەت ئەل ھەربىي تەسىرىدىن خالىي بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە كۇردلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سۈرىيە دۆلىتىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى قوللاش

فىدان مۇداپىئە ھەمكارلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى قايتا قۇرۇشقا يۈزلەنگەن قانۇنلۇق شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سۈرىيەدە دۆلەت ئاپپاراتلىرى قايتا قۇرۇلمىسا، بىخەتەرلىك، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «سەھىيە، مائارىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت» دېدى.

سۇۋەيدادىكى توقۇنۇشلار 13-ئىيۇلدا باشلانغان بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك داۋالغۇش ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنىدى. خاقان فىدان ھەل قىلىنمىغان بۇ جىددىيچىلىكتىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئىسرائىلىيەنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ: «ئېنىقىنى ئېيتقاندا، بەدەۋىيلەر بىلەن دۇرزىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىتەرەپ ئارىلىشىش تىرىشچانلىقىغا ئىسرائىلىيەنىڭ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېتىرازىمىز دەل مۇشۇ نۇقتىنى نىشان قىلغان» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 42- خاتىرە يىلىنى تەبرىكلىدى
ئەردوغان ۋە كوباخىدزې ھەربىي ئايروپىلان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى سۆزلەشتى
فىدان: «ئامېرىكا سۆھبەتلەردىن كېيىن سۈرىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش ئېھتىياجىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيەنى كۈچەيتىش ئاتاتۈركنىڭ مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلغانلىق دېمەكتۇر»
ئىستانبۇل «غەززەنىڭ كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ
تۈركىيە تور جاسۇسلۇقىغا زەربە بېرىشتە ئىككى گۇماندارنى قولغا ئالدى
ئەردوغان بىلەن دىبەيبە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە ئىستانبۇلدا ھاماس ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە: غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىشىنى لازىم، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يېتەرسىز...
تۈركىيە غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ
ئەردوغان: ئىسلام ھەمکارلىق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىروگراممىسى يولغا قويدى
گرېمىڭگېر:تۈركىيە قاتارلىق كۈچلەر تېخىمۇ ئادىل يەرشارى تەرتىپىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم قىلالايدۇ
پاكىستان-ئافغانىستان سۆھبىتى ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدۇ
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى
جەۋدەت يىلماز: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدۇ
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئاشكارا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى» دېدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە
ئەردوغان بىلەن ستارمېر «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى –تايفۇن» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
تۈركىيەنىڭ غەربىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى