خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سومالىدا ئەششەبابنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى
سومالىنىڭ غەربىي جەنۇب ئۆلكىلىرى دائىرىلىرى بەيدابو شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئەششەبابنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سومالىدا ئەششەبابنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى
(ئارخىپ) سومالىدا 70 تىن ئارتۇق ئەلشەباب ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

غەربىي جەنۇب ئۆلكىلىك مەمۇرىي مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەششەبابنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ۋە قوراللىق كىشىلەر بىلەن شەھەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، توقۇنۇش جەريانىدا پارتلاتقۇچ توشۇيدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭمۇ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بۇ ئاپپاراتلارنىڭ چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھۇجۇمچىلارنىڭ مېھمانخانا، سودا سارىيى، مائارىپ ۋە سەھىيە ئورگىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مەسچىتلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئارىسىدا چەت ئەللىكلەرمۇ بار ئەششەبابنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، نۇرغۇن تەشكىلات ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقى، بىر قىسىم ئاپتوموبىل ۋە قوراللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بەيدابودا 17-ئاۋغۇست ۋە 3-سېنتەبىردىمۇ فېدېراتسىيە قىسىملىرى بىلەن لەفتاگارېنغا قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى. سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەششەباب ئەزالىرىنىڭ 3-سېنتەبىردىكى توقۇنۇشلارغىمۇ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى