خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ترامپ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ۋون دېر لېيېن بىلەن ترامپ رۇسىيە ئېنېرگىيەسى، بانكىلىرى ۋە شىفىرلىق پۇل ساھەسىگە قارىتىلغان يېڭى جازالار ئارقىلىق موسكۋاغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ترامپ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
/ Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئورسۇلا ۋون دېر لېيېن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك رۇسىيەگە قارشى بېسىمنى كۈچەيتىشنىڭ قوشۇمچە قەدەملىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋون دېر لېيېن X تور سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «(ترامپ) بىلەن ئىقتىسادىي بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ 2022-يىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىقىدىن بۇيانقى رۇسىيەگە قارشى 19-قېتىملىق جازا لايىھەسى تەكلىپىنى يېقىندا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋون دېر لېيېن مەزكۇر جازا لايىھەسىنىڭ شىفىرلىق پۇل، بانكىلار ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىنى نىشان قىلغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىستىكى

ترامپ موسكۋانى جازالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىتتىپاقداشلىرىدىن رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، خىتايغا بولسا تاموژنا بېجى ئارقىلىق زەربە بېرىشنى ئېيتقانىدى.

27  ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كرېمىل سارىيىنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، رۇسىيە نېفىتىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىمپورت قىلىشنى ئاللىقاچان چەكلىگەن بولۇپ، 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولسا رۇسىيەدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشنى باسقۇچلۇق ھالدا پۈتۈنلەي توختىتىشنى پىلانلىماقتا.

ۋون دېر لېيېن بىريۇسسېلنىڭ تېخىمۇ تېز ھەرىكەت قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «قېزىلما يېقىلغۇلاردىن كىرگەن كىرىملەر بىلەن جانلىنىۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئىقتىسادى ئۇكرائىنادا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، (ياۋروپا) كومىتېتى رۇسىيەنىڭ قېزىلما يېقىلغۇلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى باسقۇچلۇق بىكار قىلىشنى تېزلىتىشنى تەكلىپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت ئىراننىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلىدى
گرېتسىيەدە بىر ھەپتىدە 45 يېڭى غەربىي نىل ۋىرۇسى كېسىلى كۆرۈلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيەنىڭ تەنقىدلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
ئىران: «شەرتلىرىمىز قوبۇل قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىران پىرېزىدېنتى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى تېھراندا قوبۇل قىلدى
ئىران پارلامېنتى ھۆرمۈز بوغۇزى قانۇن تەكلىپى تەييارلىماقتا
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى