پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق راجانپۇر رايونىدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 32 كىشى يارىلاندى.
«Geo News» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، راجانپۇر رايونىدىكى ئىندۇس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئايرىغۇچ بەلباغقا سوقۇلۇپ كەتكەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
قازادا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان 32 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى مەريەم ناۋاز ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، جانغا زامىن بولۇش ۋەقەسىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە دائىرىلەرگە قازاغا جاۋابكار كىشىلەرنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش يوليورۇقى بەردى.
قازادىن كېيىن راجانپۇر رايونلۇق مەركىزىي دوختۇرخانا ۋە ئەتراپتىكى باشقا دوختۇرخانىلاردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.






















