سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن خىتاينى ئارالنى «بۆلۈش» بىلەن ئەيىبلىدى
تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، «كۈلرەڭ رايون» تاكتىكىلىرى ئارقىلىق بۇ ئارالغا بېسىم قىلماقتا ئىكەن.
تەيۋەن خىتاينى ئارالنى «بۆلۈش» بىلەن ئەيىبلىدى
The disinformation campaign aims to create division within Taiwanese society, according to the report. [Photo: AP] / AP

تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل (AI) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە قارشى يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، تەيۋەن خەلقىنى «بۆلۈش» نى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينى ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپەيتىش، سودا جازاسى يۈرگۈزۈش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئارالنى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋاسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمرانلىق دەۋاسىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئايدا خىتاي دېموكراتىك يول بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بۇ ئارال ئەتراپىدا ئىككى كۈنلۈك راست ئوق ئېتىلغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

رويتېرس تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە پارلامېنتقا سۇنۇلغان دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تەيۋەن خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ يىل (2025) كىرگەندىن بۇيان 500 مىڭدىن ئارتۇق «تالاش-تارتىشلىق ئۇچۇر» نى بايقىغان بولۇپ، بۇلار كۆپىنچە فەيسبۇك ۋە تىكتوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كۆرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بېيجىڭ پىرېزىدېنت لەي چىڭدې ئۆتكەن ئايدا (مارت) خىتاي ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە تەيۋەننىڭ  «TSMC» ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئامېرىكادا يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتنى تاللاپ، «ھېسسىي ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان ھەرىكەتلەرنى باشلىغان.

دوكلاتتا، تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى «بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

دوكلاتتا يەنە: «سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش كۈنسېرى كېڭىيىپ ۋە پىشىپ يېتىلگەنسېرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، تالاش-تارتىشلىق ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلىش ۋە تارقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ كۆپەيگەنلىكى بايقالدى» دېيىلدى.

خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ توغرىدا ھېچقاداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Taiwan says 47 Chinese aircraft, 7 naval vessels detected near its shores


«كۈلرەڭ رايون» تاكتىكىلىرى

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تەيۋەنگە قارشى «كۈلرەڭ رايون» تاكتىكىلىرىنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل (2025) كىرگەندىن بۇيان خىتاي دېڭىز قىرغاق مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى، ھاۋا شارلىرىنى ئۇچۇرۇشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن.

بۇ ھەرىكەتلەر تەيۋەننى ئۆز قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ۋە تەيۋەننىڭ كۈچىنى خوراتقان.

پىرېزىدېنت لەي چىڭدې تەيۋەن خەلقىلا ئۆز كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدۇ دېگەن بولۇپ، ئۇ مارتتا (2025) خىتاينى «چەت ئەل دۈشمەن كۈچى» دەپ ئاتىغانىدى.

خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا زورلۇق بىلەن كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - China concludes military drills, warns Taiwan against 'provocations'

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى