خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش يۈز بەردى
ھىندىستان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X بىر ئادۋوكاتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبىدىن زىددىيەتلەشتى.
ھىندىستان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش يۈز بەردى
ھىندىستان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش يۈز بەردى / Reuters

دېھلى سوت مەھكىمىسى ئەمەلدارلارنىڭ «ئۇ، بۇ ياكى پالانى» دېگەن يازمىدىن شىكايەت قىلغىنىدىن كېيىن، X سۇپىسىنىڭ «ئەدلىيەنى قارىلاش» ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X نى سوتچىلار ۋە ئەمەلدارلارنى «ئورۇنسىز نىشان قىلغان» يازمىلارغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ ئەھۋال تېخنولوگىيە شىركىتىنى مەزمۇننى نازارەت قىلىش مەسىلىسىدە يېڭى دېھلى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشقا سەۋەب بولدى.

بۇ تالاش-تارتىش ھىندىستانلىق ئادۋوكات سانجوي غوسنىڭ مارت ئېيىدا يوللىغان بىر يازمىسىدىن كېلىپ چىققان. غوس يازمىسىدا ھەر قانداق «ئەلى، ۋەلى ياكى ئەخمەت» نىڭ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىنى دەۋا قىلىپ، سەزگۈر دېلو ھۆججەتلىرىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ يازما غوسنىڭ باشقا بىر ئادۋوكاتنىڭ شىكايىتى سەۋەبىدىن قانۇنىي ھۆججەتلەرگە ئېرىشىشىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن يوللانغان. نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى ئەدلىيەنى ۋاسىتىلىك تەنقىد قىلغان بىر ئىپادە دەپ قاراپ، دېھلى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. بۇ ئەھۋال توردا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇنازىرىنى قوزغىغان.

سوت مەھكىمىسى X نىڭ «ئەدلىيە ياكى ئەدلىيە جەريانلىرىنى قارىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكى» گە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، X  نىڭ «ھەر بىر مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىدىغان ئوچۇق مۇنبەر سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

X  بولسا ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، يازمىنى ئۆچۈرۈش ھەققىدە بىۋاسىتە تەلەپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى سوتنىڭ مەيدانىنى قوللاپ، ئەدلىيەگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا بولغان ئاممىۋى ئىشەنچنى بۇزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا