جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:
ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:- «خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەمەشقنى زىيارەت قىلىمەن»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پايتەخت دەمەشقنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەركىزى دوھاغا جايلاشقان ئەلجەزىرە ئەرەبچە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىن كەلگۈسىدە ئىمزالانغان ۋە خەۋپسىزلىكنى مەزمۇن قىلغان «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي بىر مەزگىلدە تۈزۈلگەنلىكىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىز ئىزچىل تىنچلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلىپ كەلدۇق. تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان بۇ مۇساپىنى ئالاھىدە كۆزىتىۋاتقان دۆلەتلەر سۈپىتىدە، بىز يەنى پاكىستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تىنچلىقنىڭ ھىمايىچىلىرى سۈپىتىدە ئورنىمىزنى ئالدۇق. تىنچلىقنىڭ ھىمايىچىلىرى سۈپىتىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچلاردا يەنە تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «مىسىرمۇ ئەگەر ئارزۇ قىلسا، بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە قاتنىشالايدۇ ۋە مىسىرغىمۇ دەرۋازىمىز ئوچۇق» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، ئارزۇسىنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بۇ قاتناشنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۇنيا نېفىت تىرانسپورتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېچىش ئارقىلىق، خۇدايىم بۇيرۇسا، دۇنيا نېفىت تىرانسپورتىدىكى بۇ مول ئېقىمنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. بىز بۇنى قوللايمىز، ئىرانمۇ ئوخشاشلا بۇنى قوللايدۇ. ئارزۇيىمىز شۇكى، ئەگەر ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشى ھەقسىز ھالدا ئېچىلسا، بۇ ئىنتايىن توغرا بولغان بولاتتى» دېدى.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ۋە تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تېھراننىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى سوئالغا، ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بىز ئۇرۇش تەرەپدارى ئەمەس، تىنچلىق تەرەپدارىمىز، ئەمما ئىسرائىلىيە بۇ ئۇرۇشنىڭ باش رولچىسىدۇر. ئىسرائىلىيە ئۇرۇشنى ئىزچىل قۇتراتتى ۋە ئۇرۇش تەرەپدارى بولۇپ كەلدى. ئۇرۇش تەرەپدارى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەر ئېغىر بەدەل تۆلىدى. بۇنىڭمۇ ئەڭ ئاساسلىق جاۋابكارى ئىسرائىلىيە بولدى.»

«خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەمەشقنى زىيارەت قىلىمەن»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەدە پىرېزىدېنت ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«سۈرىيە بىلەن بولغان دۆلەت مېخانىزملىرىمىز ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋەت ئىچىدە، بىز بۇ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىمىز. سۈرىيە بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، سۈرىيەنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. بۇ مۇساپىدە سۈرىيە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزىقىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۆرىدۇ، قىلچە ئەنسىرىمىسۇن.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىغا قاراتقان قوللىشى ھەققىدىكى سوئالغا ئەردوغان: «ئۇ يەرنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ زىممىسىگە قانداق ۋەزىپە يۈكلەنسە، بىز بۇنى ئاخىرىغىچە ئادا قىلىمىز ۋە ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىش مۇساپىسىدە تۈركىيەنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ: «ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسالار بولسۇنكى، بۇنى پىرېزىدېنت شارا ۋە مۇناسىۋەتلىك دوستلار ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. زىممىمىزگە قانۋاق ۋەزىپە يۈكلەنگەن بولسا، بىز بۇنى ئاخىرىغىچە ئادا قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتىمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەمەشقنى زىيارەت قىلىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرى

لىۋان پىرېزىدېنتى جوزېف ئەۋننىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان: «لىۋانغا قارشى قىلىنغان بۇ ھۇجۇملار بىزنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرماقتا. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە لىۋانغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

«بىز غەززەنى يالغۇز تاشلاپ قويالمايمىز»

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدىكى سوئالغا ئەردوغان: «بىز غەززەنى يالغۇز تاشلاپ قويالمايمىز. غەززەگە مۇناسىۋەتلىك زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپە قانداق بولسا بۈگۈنگىچە ئادا قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئادا قىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەدىكى سىياسەتچىلەر ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «قاراڭ، بىز سىز بىلەن ئۇرۇش توغرىسىدا ئەمەس، تىنچلىق توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز، دۇنيا تىنچلىقىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. ئەمما تۈركىيەگە تىنچلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىدىغانلار چىقسا، تۈركىيە بۇ ئۇرۇشتىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ، قاچمايدۇ، بۇنى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئوچۇق ئېيتىمەن. بىز ئەلۋەتتە بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىغا قايتىدىن قاتنىشىشى

ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك ترامپنىڭ <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ بىزگە <F-35> لەر توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى، بۇ ۋەدىنىڭ ئورۇندىلىشى تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

«رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى»

ئەردوغان موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە: «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى. مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز تېلېفون دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرىم رۇسىيەدىكى كەسپداشلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلارمۇ مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

«بىز ئۈچۈن ئالدىنقى نىشان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەس»

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئۇدا 53 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلمىغىنىدەك، بۇنداق كېيىنكى مۇساپىدىمۇ قوبۇل قىلىشنى ئويلىمايۋاتىدۇ، ئەمما بىز دەرۋازىمىزنى تاقىمىدۇق. بىز يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئەگەر قوبۇل قىلسا نېمىدېگەن ياخشى، قوبۇل قىلمىسىمۇ نېمىدېگەن ياخشى. بىز ئۈچۈن ئالدىنقى نىشان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەس، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىزچىل شۇنى دەيمىزكى، بۇنىڭدا تۈركىيە ئەمەس، بەلكى سىلەر زىيان تارتىسىلەر.»

ئەرەب دۇنياسىغا خىتاب قىلغان ئەردوغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سالام ۋە سۆيگۈلىرىمنى يوللايمەن. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرىمىز. بىز بىر گەۋدە، بىرلىكتىمىز، قۇدرەتلىكمىز، ئامان بولايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايلى، بىر-بىرىمىزدىن رەنجىمەيلى، داۋاملىق بىرلىكتە بولايلى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
ئالىملار مېڭە سۈرئىتىدە ئىشلەيدىغان ئۆزەك ئىجاد قىلدى
ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەززەيدى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئەردوغان: كېڭەش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇچۇر-ئالاقە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
ئەردوغان: كېلەچەك ئىستىقبالنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك تەسەۋۋۇرنى روياپقا چىقىرىۋاتىمىز
ماكرون فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان رادىيونى تاقىۋەتتى
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
پادىشاھ چارلىز كامبرىجدا تۈركىيەنىڭمۇ قوللىشى بىلەن سېلىنغان بىر جامەنى زىيارەت قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان: ئۇكرائىناغا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ باردۇق
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى