ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە گىلەم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 872 مىليون دوللارلىق گىلەم ساتتى
تۈركىيەنىڭ گىلەمچىلىك ساھەسى 2026-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلدە 871 مىليون 732 مىڭ دوللارلىق گىلەم ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيە گىلەم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 872 مىليون دوللارلىق گىلەم ساتتى
تۈركىيە گىلەم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 872 مىليون دوللارلىق گىلەم ساتتى

تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TİM) گىلەمچىلىك ساھەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىسكەندەر قاپلان مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى يېڭى مودا، يېڭى لايىھە تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خىزمەتلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، سېتىش مىقدارىمىزمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.»

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) مۇخبىرىنىڭ تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن توپلىغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ئېكسپورت قىلىنغان 172 مىليون 946 مىڭ كۋادرات مېتىر گىلەمدىن 871 مىليون 732 مىڭ دوللار كىرىم قىلىنغان.

ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېكسپورت قىممىتى جەھەتتىن %2.1، مىقدارى جەھەتتىن بولسا %2 تۆۋەنلىگەن.

ئەڭ كۆپ ئېكسپورت 250 مىليون 298 مىڭ دوللار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، 120 مىليون 951 مىڭ دوللار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋە 68 مىليون 400 مىڭ دوللار بىلەن ئەنگلىيەگە قىلىنغان.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئېكسپورت سوممىسىنى 3 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا

تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى گىلەمچىلىك ساھەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىسكەندەر قاپلان، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئەڭ كۈچلۈك بولغان ساھەلەرنىڭ ئارىسىدا گىلەمچىلىكنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى يېڭى مودا، يېڭى لايىھە تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خىزمەتلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، سېتىش مىقدارىمىزمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئەلۋەتتە بەلگىلىك تەسىرلەر بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق بىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بازار بولغاچقا، ئىران ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىلىرىدە بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇلارنىڭمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

قاپلان بۇ يىل ئېكسپورت نىشانىنى تېخىمۇ چوڭايتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «بىز ئۆتكەن يىلىنى 2 مىليارد 800 مىليون دوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق، بۇ يىلقى نىشانىمىز 3 مىليارد 500 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى