سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىراننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمايمەن
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ئەڭ يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىدىن «رازى ئەمەسلىكى» نى، تېھراننىڭ ئۆزى قوبۇل قىلالمايدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: ئىراننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمايمەن
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى  ترامپ جۈمە (2026-يىلى 1-ماي) كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا: «ئۇلار توغرا كېلىشىمنى تېپىشى كېرەك. مەن ھازىرچە رازى ئەمەس» دېدى.

نېمە ئۈچۈن رازى بولمىغانلىقى سورالغىنىدا، ئۇ: «ئۇلار مەن قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ، ئەمما ھەممىسى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە» دەپ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

 

ئۇ سۆھبەتنىڭ پاكىستاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسلامئابادتىكى مەسئۇللارنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ماختىدى، بىراق «بۇ مۇساپە ئىنتايىن ئۇزۇن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ ئىراننى بومباردىمان قىلىشنى قايتا باشلىماسلىقنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بومباردىمان قىلماسلىقنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما، يەنە بىر تاللاش يولى مۇنداق: بىز ئۇ يەرگە شىددەت بىلەن كىرىپ، ھەممىسىنى يوقىتىۋېتەمدۇق ياكى باشقا ئىش قىلامدۇق؟» دېدى.

ئېنېرگىيە باغلىنىشى

ئۇ: «ئۇلار ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ئۇ نىشانغا يېتەلەيدىغان-يېتەلمەيدىغانلىقىنى جەزم قىلالمايمەن»، دېدى ۋە ئىران رەھبەرلىرى ئارىسىدا «چوڭ ماسلاشماسلىق» بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رەھبەرلىك ئىنتايىن پارچىلىنىپ كەتكەن. ئىككى-ئۈچ گۇرۇپپا بار، بەلكىم تۆت بولۇشى مۇمكىن، رەھبەرلىك قاتلىمى تولىمۇ تارقاق. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ، لېكىن ھەممىسى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە» دېدى .

ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە بازارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ھازىر ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا قاپسېلىپ قالغان نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ پات يېقىندا يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، بېنزىن باھاسى ئىلگىرىكى سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەنلەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ تېھراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ۋە ئامېرىكا بازىلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىنى ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

پاكىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 8-ئاپرېل  ئىككى ھەپتىلىك ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 11-ئاپرېل ئىسلامئابادتا بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پاكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كېيىنچە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى يېڭى ۋاقىت بېكىتمەي تۇرۇپ ئۇزارتقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ