ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىينى رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، دۇنيا يېقىلغۇ بازىرىغا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
(ئارخىپ) تىرامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل ئايرىش زاۋۇتلىرىنى نىشانغا ئېلىشىنى تەنقىد قىلدى

ترامپ «Truth Social» دىكى يازمىسىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەنى مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن «ئەخمەقلەرچە» يىراقلاشتۇرىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە دائىر نۆۋەتتىكى سۆھبەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزاكىرىلەردە زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق ھۆججىتىنى «خالىغان ۋاقىتتا ئىمزالىيالايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئىرانغا ناھايىتى ئاز ياردەم قىلغان، ھەتتا ياردەم قىلمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ترامپ: «مەن بۇ ھالەتنىڭ ساقلىنىشىنى خالايمەن؛ ئەخمەق كىشىلەر ئارىغا كىرمىسە، شۇنداق بولىدۇ» دېدى.

ترامپ زېلېنىسكىينىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا دىزېل بازىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھۇجۇملارنىڭ دېھقانلار ۋە باشقا كارخانىلارغا زور زىيان سالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ دۇنياغا يەنىلا مىليونلىغان ۋارىل دىزېل يېقىلغۇسىنى ئەرزان باھادا ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: «زېلېنىسكىي بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ياۋروپا ۋە ئالدامچى جو بايدىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ پۇل بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ، بەلكىم ئەزەلدىن خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككى يىل بۇرۇن ھازىرقىدىن ياخشىراق كېلىشىم تۈزەلەيتتى» دېدى.

ئۇ زېلېنىسكىينىڭ دۆلىتىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، زېمىنىنىڭ زور بىر قىسمىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ يېرىمىنىڭ يارىلانغان ياكى ئۆلگەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
ترامپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا 200 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
قازاقىستان بىلەن گېرمانىيە تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
ئېنېرگىيەدە تارىخىي بۇرۇلۇش: سىلانېتس گازى ۋە سىلانېتس نېفىتى تەڭلىمىگە كىرمەكتە
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى